• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كاستىرو نېمىشقا شۇنچە كۆپ قەستلەش ھەرىكىتىگە ئۇچراپ ئامان قالىدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:08 06-12-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    1963-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كىنىدىنىڭ پەۋلقۇلاددە ئەلچىسى جېمىس دوناۋاننى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى «كوچىنوس ۋەقەسى»دە چالا قالغان ئىشلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن كۇباغا ئەۋەتكەن. 1961-يىلى 17-ئاپرېل مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى مەشىقلەندۈرگەن كۇبالىق قاچقۇنلار كۇبانىڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى كولون ساھىلىغا جايلاشقان ساپانا سازلىقى، يەنە ئاتالمىش «كوچىنوس»قا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، كاستېرو ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرماقچى بولغان. ئەمما ئۇلار قىرغاققا چىقىشىغىلا كۇبا خەلق ئارمىيەسىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، يۈزدىن ئارتۇق ئادىمىدىن ئايرىلغان، مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تۇتۇلغان.سوقۇر ئۆچەي ياللۇغى قوزغىلىپ قالغان قاتال كاستېرو ھەر قېتىم ناھايىتى ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلەيتتى، ئۆزى يالغۇز ھالدا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا خېلى ئۇزۇن تۇراتتى. بۇ ئەلۋەتتە ئۇنى قەستلەيدىغان ياخشى پۇرسەت ئىدى.كاستېرو 1971-يىلى چىلىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئىككى ئالاھىدە خادىمنى مۇخبىر سىياقىدا ياساپ، ئاۋازسىز تاپانچىنى تېلېكامېرانىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ، كاستېرو مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقاندا، سىنغا ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىۋى سورۇندىلا ئۇنى قەستلىمەكچى بولغان.بىراق مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى دەل ۋاقتىدا ئېچىلغان بولسىمۇ، لېكىن يىغىن ئاخىرلاشقۇچە، كاستېروغا ھېچ ئىش بولمىغان. ئەسلىدە كاستېرو سەھنىگە چىقىشتىن يېرىم سائەت ئىلگىرى بۇ ئىككى مۇخبىرنىڭ بىرى تۇيۇقسىز سوقۇر ئۈچەي بولۇپ قېلىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن، يەنە بىرى ئۆزى يالغۇز ھەرىكەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.ئۆزى يېغىنى ئۆز گۆشىدە قورۇش مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى كاستېرونى كۆپ قېتىم قەستلەپ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغاندىن كېيىن، كۇبا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن قاتىل ئىزدەشكە باشلىغان. نەتىجىدە ئۇلار كۇبادىكى جىنايەت شايكىسىدىن كۇبالىق بىر مايور، يەنى رولاندو كوبرانى تەكلىپ قىلغان. كوبرا كاستېرونىڭ ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشكەن، چۈنكى ئۇ 1956-يىلى كۇبانىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى مادىستانى قەستلىگەن ھەربىي ئاخبارات ئورنىنىڭ باشلىقى ئىدى. بىراق ئۇ كاستېروغا سادىق ئەمەس، شۇڭا ناھايىتى تېزلا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن تىلىنى بىر قىلىۋالغان. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى دۈشمەننىڭ يۈرىكىگە ھۇجۇم قىلىدىغان بۇ قاتىلغا قاتتىق ئىشەنگەن. ئۇزاق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ھەرىكەت باشلىنىش ئالدىدا تۇرغاندا، يەنى 1963-يىلى 22-نويابىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كىنىدى قەستكە ئۇچراپ قالغان، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىغا كاستېرونى قەستلەش ھەرىكىتىنى توختىتىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن.گۈزەللەر ھىلىسىمۇ كارغا كەلمىگەن فېدېل كاستېرونىڭ ئىلگىرى بىر ئاشنىسى بار ئىدى. مارىتا لورېنز ئىسىملىك بۇ قىز 1961-يىلى تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن ھەمدە يېرىم يىلدىن كېيىن پەيدا بولغان. ئەسلىدە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۇنى تۇتۇپ كېتىپ يېرىم يىل كاللىسىنى يۇيۇپ، ئاندىن ئۇنى كۇباغا كاستېرونى قەستلەشكە ئەۋەتكەن.ئۇنىڭ سومكىسىدىن زەھەر تېپىلغان، ئۇ زەھەرنى كاستېرونىڭ ئىچىملىكىگە سېلىۋەتمەكچى بولغان. ھالبۇكى، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى كاستېرونىڭ مارىتا بىلەن تۇنجى كۆرۈشۈپلا ئۇنىڭدىكى قەستنى ئۇقۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. كاستېرو مارىتادىن: مېنى قەستلىگىلى كەلدىڭىزمۇ، دەپ سورىغان. ئاندىن تاپانچىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ مېنى ئېتىڭ، دېگەن.مارىتا بۇ گەپنى ئاڭلاپ تاپانچىنى تاشلىۋېتىپ: سىزنى ئۆلتۈرسەم بولمايدۇ، دېگەن.مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى يۇقىرىقى ئۇسۇللاردىن باشقا، يەنە كاستېرونىڭ ئۆتۈكىگە زەھەرلىك تالقان سېلىپ قويۇش، بومبا بىلەن پارتلىتىش، سىگارت بىلەن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللانغان. ئەمما زەھەر تالقان سېلىش مۇمكىن بولمىغان، بومبا پارتلىمىغان، كاستېرو تاماكا تاشلىغان، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ جېنى قايتا-قايتا ئامان قىلغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى