• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە يەتتە ئانا

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 17:07 06-12-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى: دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە يەتتە ئانا بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى.

    بىر قېتىمدا سەككىز كېزەك تۇغقان يالغۇز ئانا– سۇرمان(Surman). سۇرمان ئامېرىكىدىكى بىر قېتىمدا سەككىزكېزەك تۇغقان ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ھايات قېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان دۇنيادىكى سەككىز كېزەك بالىلار بۇلۇپ قالغان.


    دۇنيا بۇيىچە ئەڭ قىرى تۇنجى بالىسىنى تۇققان ئانا – ھىندىستاندىكى دېۋى (Devi) ئىسىملىك ئايال. دېۋى 2008 - يىلى 11– ئايدا تۇنجى بالىسىنى تۇغقان بۇلۇپ، شۇ چاغدا ئۇ ئاللىقاچان 70 ياشقا كىرەي دەپ قالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن بۇ بالىنىڭ دۇنياغا كىلىشىنى ساقلىغىلى 40 يىل بولدى. ئۇ بالىسىنى ئۈچ ياشقىچە ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى پىلانلاۋاتقان ئىكەن .


    دۇنيادىكى تۇنجى « ئەر » ئانا – توماسبىت. ئۇ تۇغۇلغاندا قىزبالا بۇلۇپ، جىنس ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيەسى ۋە ھورمۇن ئارقىلىق داۋالىنىپ ئەركىشىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى ‹ئەركىشى› ئانا. 10 يىل ئىلگىرى ئۇ جىنس ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغاندا ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرى ساقلىنىپ قالغان، شۇڭا ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى « ھامىلدار بولغان ئەر » بۇلۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاخبارات خەۋەرلەردىكى داڭلىق شەخس بۇلۇپ قالغان.

    دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك بوۋاق تۇغقان ئانا– شېيخى. شېيخى 2004 يىلى 9–ئاينىڭ 19–كۈنى لورېنتس جونا ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا مەركىزىدە راخماننى تۇغقان بۇلۇپ، بۇ بوۋاقنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى بەدەن ئېغىرلىقى 243.8 گىرام، ئۇزۇنلۇقى 10 ئېنگلىزچىسى ئىكەن. راخمان بىر بوتولكا پىۋادىنمۇ يىنىك بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى راخمان ھامىلىدار 25 ھەپتە ئالتە كۈن بولغاندا ئۇنى تۇغقان.


    بالىلىق بۇلۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان ئانا – ئېلىسا. ئېلىسانىڭ ئىككى بالىسى بار بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلىرى يوق، لىكىن كىشنى ھەيران قالدۇردىغىنى ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ ياش پەرقى: بېيلىندا 1956–يىلى 5– ئاينىڭ 19–كۈنى تۇغۇلغان، شۇ چاغدا ئېلىسا ئاران 19 ياشتا ئىكەن. ئىككىنچى بالىسى جوسېف 1997– يىلى 11– ئاينىڭ 20– كۈنى تۇغۇلغان، بۇ چاغدا ئېلىسا ئاللىقاچان 60 ياشقا كىرىپ قالغان ئىكەن، ئىككى بالىسىنىڭ ياش پەرقى 41 يىل 185 كۈن بۇلۇپ، جوسېفنىڭ ئاچىسى مومىسىدەك تۇراتتى.


    دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ بالا تۇغقان ئانا– Valentina. ئۇنىڭ روسىيەلىك دېھقان ئېرىنىڭ پەخىرلىنىدىغىنى ئايالى Valentina 69 بالا تۇغۇپ، دۇنيا جىننىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئۇ 16 جۈپ قوشكېزەك، يەتتە ئۈچكېزەك ۋە تۆت تۆت كېزەك، 27 يالاڭ كېزەك بالا تۇغقان. 69 بالىسىنىڭ 67 سى ھايات قالغان.


    دۇنيادىكى يېشى ئەڭ كىچىك ئانا– لىنا. 1993 يىلى 4 – ئاينىڭ مەلۇم بىركۈنى ، بىر ھىندىستانلىق ئايال پېرۇ 1- دوختۇرخانىسىغا كىرىپ كەلگەن، ئۇنىڭ چىرايى ناھايتى ھارغىن كۆرۇنەتتى، بىر تارتىنچاق قىزچاق ئۇنىڭ قولىنى تارتىپ تۇراتتى، بۇ قىزنىڭ بوي ئېگىزلىكى 0.9 مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان بۇلۇپ، چاچلىرى ئۆرۈپ قۇيۇلغان، قورساق قىسمى تومپىيىپ چىققانىدى. بىر يېرىم ئايدىن كېيىن بەش ياشلىق لىنا داس سۆڭىكى بەك كىچىك بولغاچقا، قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيىسى ئارقىلىق بىر ئوغۇل بوۋاق تۇغقان. بالا تۇغۇلغاندا ئېغىرلىقى 2.7 كىلوگرام ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا بۇيىچە يىشى ئەڭ كىچىك ئانا بۇلۇپ قالغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى