• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتى ئۆرۈلۈپ كەتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:07 06-12-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 5-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بېتۋا ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق بىر قوغلىغۇچى پاراخوتى ھىندىستاننىڭ بومباي پورتىدىكى دوكتىن ھەيدەپ چىقىۋاتقاندا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 2 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە 14 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ پاراخوتنىڭ سۇنى سىقىپ چىقىرىش مىقدارى 4 مىڭ توننا بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرى مەزكۇر پاراخوت دوكتا رېمونت قىلىنغان ئىكەن، شۇ كۈنى پاراخوت دوكتىن ھەيدەپ چىقىۋاتقاندا ئۆرۈلۈپ كەتكەن، نۆۋەتتە بۇ پاراخوت مەزكۇر پورت ئىچىدىكى دوكتا توختىتىپ قويۇلغان.ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بۇ دېڭىز ئارمىيەسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋال، چۈنكى بۇندىن ئىلگىرى بۇنداق ئىش پەقەت يۈز بېرىپ باقمىغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى