• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    رۇسىيەنىڭ ئاۋىياماتكىسى راستتىنلا كاردىن چىقتىمۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:05 06-12-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئامېرىكا ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى سۇرىيە دېڭىز قىرغىقىدا چۈشۈپ كەتكەن، بۇ ھەم مۇشۇ بىر ئايدىن بۇيان 2-قېتىم يۈز بەرگەن ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ۋەقە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدا ھەربىي كۈچىنى نامايان قىلىش پىلانىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتتى ھەمدە تاشقى دۇنيانىڭ نەزىرىنى رۇسىيەنىڭ بىردىن-بىر ئاۋىياماتكىسىغا يەنىمۇ كۈچلۈك ئاغدۇرۇشىغا سەۋەب بولدى، رۇسىيەنىڭ بۇ ئاۋىياماتكىسىدا راستتىنلا ئېغىر مەسىلە مەۋجۇتمۇ؟خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ «مارشال كىرۇزنەف» ناملىق بۇ بىردىن-بىر ئاۋىياماتكىسىنىڭ ياسالغىنىغا ئۇزۇن يىللا بولغان بولۇپ، مەزكۇر ئاۋىياماتكا بۇ يىل 10-ئايدا ئىنگلىز بوغۇزىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ سۇرىيە توقۇنۇشىغا قاتناشتى. ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە بۇ ئاۋىياماتكا ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئۇرۇشنى يەر يۈزىدىن قوللاش بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىكەن ھەمدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئەينى ۋاقىتتا چۈشۈرگەن «رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىش» ۋەزىپىسىنىمۇ ئورۇندىيالمايدىكەن.خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 5-دېكابىر مۇنۇلارنى جاكارلىغان: رۇسىيەنىڭ سۇ-33 بەلگىلىك بىر ئاۋىياماتكا ئۇرۇش ئايروپىلانى بىر قېتىملىق ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندە مەزكۇر ئاۋىياماتكىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قونالماي دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى، بەختكە يارىشا ئۇچقۇچى ئايروپىلاننىڭ قاڭقىتىپ چىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ۋاقتىدا ئىشلىتىپ ئامان قالدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ئايروپىلان قونىۋاتقاندا ئاۋىياماتكىنىڭ سۈرئەتنى ئاستىلىتىش تانىسى تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ كېتىپ بۇ ۋەقە كېلىپ چىققان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى