• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئائىلە سۈرىتىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەر: پىڭ شىنلەينىڭ كۆڭلىدىكى ئۈچ ئىش

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:44 06-12-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزتاترىم سۈرىتىنى كۆرمەكتە (سۈرەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى تەمىنلىگەن)

    قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە بىر تۇغقىنى بولغاندىن بۇيان، پىڭ شىنلەي دائىم بۇ ئۈچ سۆزنى ئويلايتتى: تۇرمۇش، مائارىپ، ساغلاملىق.

    كوناشەھەر ناھىيە تاشمىلىق يېزا چوڭباغ كەنتىگە بېرىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى قېيۇم قادىر ئائىلىسىگە بارغان ۋاقتىنى ئويلىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر پىڭ شىنلەي ھېسىياتنىڭ ئاجايىپ نەرسە ئىكەنلىكىنى، بەزىدە بىر جۈملە سۆز ياكى بىرەر ھەرىكەتنىڭ ئارىلىقنى بىردەمدە يېقىنلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. «بۇنداق ھېسىيات قەلبتىن چىقىدۇ، يالغاندىن بۇنداق قىياپەتكە كىرىۋالغىلى بولمايدۇ» دېدى.

    ئۇلار كۆرۈشكەن تۇنجى كۈنى، گەرچە قىش بولسىمۇ، پارلاپ چىققان قۇياشنىڭ سېخىي نۇرلىرى بەدەنلەرگە ھارارەت بېرىپ تۇراتتى. «پىڭ تاغا، ئۆيىمىزگە مېھمان بولۇپ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز.» قېيۇم قادىرنىڭ 11 ياشلىق قىزى گۈلپىيە پىڭ تاغىسىنى كۆرۈپلا ئۇنىڭدىن راۋان خەنزۇتىلىدا ئەھۋال سورىدى ۋە ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئىسسىق كاڭغا ئولتۇرغۇزدى، بۇ كىچىك قىزچاق پىڭ شىنلەينىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئالدى.

    پىڭ شىنلەي قېيۇم قادىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇددى كونا قەدىناسلاردەك پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. بۇ ئادەتتىكى تۆت جانلىق ئائىلىنىڭ بىر مو توققۇز پۇڭ يېرى، ئالتە قوي، ئىككى كالىسى، بىر تىراكتورى بار بولۇپ، 53 ياشلىق قېيۇم قادىرنىڭ يەر تېرىشتىن باشقا يەنە لايچىلىق ھۈنىرى بار ئىدى، ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر جۈپ قىزى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇلتۇرقى كىرىمى 10 مىڭدىن سەل ئاشقانىدى.

    «يېرىمىز كۆپ ئەمەس، ئىككى قىزىمنىڭ بىرى تولۇقسىزدا، بىرى باشلانغۇچتا ئوقۇيدۇ، ئائىلىمىزنىڭ ئاساسلىق قىيىنچىلىقى يەنىلا شۇ كىرىمىمىز سەل تۆۋەن» دېگەنىدى قېيۇم قادىر. پىڭ شىنلەي قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۆڭلىدە ئىزچىل تۈردە قېيۇم قادىر ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى قانداق قىلىپ ئاشۇرۇش ھەققىدە ئويلاندى، بۇ ھەقتە قېيۇم قادىر بىلەن يەنە بىر كۆرۈشۈپ ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ كۆرۈش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدى.

    گەرچە قېيۇم قادىر ئائىلىسىنىڭ كىرىمى يۇقىرى بولمىسىمۇ، بىراق، ئۇلار تۇنجى كۆرۈشكەندە قېيۇم قادىرنىڭ ئېيتقان بىر جۈمە سۆزى پىڭ شىنلەينىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى، ئۇ ئىختىيارسىز باش بارمىقىنى چىقاردى.

    «قېيۇم قادىر ماڭا ‹تۇغقىنىم، سىز خاتىرجەم بولۇڭ، تىنىقىمىز بولسىلا بالىلىرىمىزنىڭ ئوقۇشىنى قوللايمىز› دېدى، بىر ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىسىدە بۇنداق ئىدىيەنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى پىڭ شىنلەي.

    ئەمەلىيەتتە، بۇ قېتىم كۆرۈشكەندە قېيۇم قادىرنىڭ كىچىك قىزى گۈلپىيە پىڭ شىنلەينىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. «بۇ كىچىك شوخ قىزچاق بىزگە شۇنداق قىزغىن، يېقىن مۇئامىلىدە بولدى» دېدى ئۇ.

    «مېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەم ياخشى، مەن بېرىپ باققان ئەڭ يىراق يەر قەشقەر» دېدى بۇ يىل 5-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان گۈلپىيە پىڭ شىنلەيگە. ئۇ يەنە پەخىرلەنگەن ھالدا پىڭ تاغىسىغا ئۆزى ئالغان تەقدىرنامىلەرنى كۆرسەتتى.

    بۇ شوخ، ئوماق، ئەقىللىق قىز پىڭ شىنلەي قايتىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاچ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ تۇردى.

    پىڭ شىنلەي يازلىق تەتىلدە ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەننى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ، بۇ چوڭ شەھەرنى ئايلاندۇرۇپ، ئوينىتىپ قويۇشنى پىلان قىلدى، ئۇ «بالىلار سىرتقى دۇنيانى كۆرۈپ چوڭ بولسۇن، نەزەر دائىرىسى چوڭ بولىدۇ، بۇ بەك مۇھىم» دېدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى بالىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىشتە يەنە بىر ئىشمۇ بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، بالىلارنىڭ ئاپىسى ئامانگۈلنىڭ كېىسلىنى تەپسىلىي كۆرسىتىش ئىدى.

    «ئامانگۈلنىڭ قان بېسىمى يۇقىرى ئىكەن، بەزىدە قان بېسىمى 180گە چىقىپ كېتىدىكەن ...» دېدى پىڭ شىنلەي، ئۇ قېيۇم قادىر بىلەن پاراڭلاشقاندا بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ ئېسىگە سېلىۋالغانىدى.

    پىڭ شىنلەينىڭمۇ يۇقىرى قان بېسىمى بار ئىدى، شۇڭا، ئۇ بۇ كېسەلگە قارىتا «تەجرىبە-ساۋىقى» مول ئىدى. ئۇ ئامانگۈلنىڭ ئىككى كۈندە بىرەر قېتىم دورا يەيدىغانلىقىنى، ياكى قان بېسىم ئۆرلىمىگەندە دورا يېمەيدىغانلىقىنى بىلدى، ئۇ دەرھال ئامانگۈلگە قان بېسىم دورىسىنى ۋاقتىدا يېيىشنىڭ بەك مۇھىملىقىنى قايتا-قايتا تاپىلىدى.

    «مېنىڭچە ئۇ چوڭ دوختۇرخانىدا تەپسىلىي تەكشۈرتۈپ باقسۇن، يازلىق تەتىل بولغاندا مەن ئۇلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىمەن، ئامانگۈل دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ، قىزچاقلار ئۈرۈمچىنى ئايلىنىدۇ» دېدى پىڭ شىنلەي.

    خۇشاللىققا چۆمگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى (سۈرەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى تەمىنلىگەن)

    پىڭ شىنلەي ئامانگۈل يەۋاتقان دورىلارنى كۆرمەكتە (سۈرەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى تەمىنلىگەن)

    پىڭ شىنلەي قېيۇم قادىرنىڭ بالىلارنى ئوقۇتۇشقا تۇتقان پوزېتسىيەسىنى مەدھىيەلىدى (سۈرەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى تەمىنلىگەن)

    پىڭ شىنلەي بالىلار ئالغان تەقدىرنامىلەرنى كۆرمەكتە (سۈرەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى تەمىنلىگەن)


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى