• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يولداش ۋەن لى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:49 06-12-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يولداش ۋەن لى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز ھازىر خەلقنى يېتەكلەپ ‹‹ئىككى 100 يىل›› كۈرەش نىشانىغا يېتىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى ئۇزۇن سەپەرنى داۋاملاشتۇرماقتا، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغۋار كۈرەشلىرىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلۈپ، گۈزەل غايىسى قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشماقتا. بىز ئەجدادلارنىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ھەم ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، دەۋر، خەلققە مۇناسىپ يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

    شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز بېسىپ ئۆتكەن 95 يىللىق شانلىق مۇساپە جەريانىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مۇنەۋۋەر جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بارلىققا كەلدى، يولداش ۋەن لى ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى. ئۇنىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي ھايات، كۈرەشچان ھايات، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھايات، ھەقىقەتكە، ئالغا بېسىشقا ئىنتىلگەن، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھايات. ئۇنىڭ ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىزغا، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى ۋە ئالىيجاناب خىسلىتىنى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز يولداش ۋەن لىنى خاتىرىلىگىنىمىزدە، ئۇنىڭ غايىسىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەي، ئېتىقادتا چىڭ تۇرغان ئالىيجاناب روھىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بىز غايىگە ئىنتىلىش جەھەتتىكى سىياسىي ئىرادىمىزنى ساقلاپ، ھەقىقەت ئارقىلىق مېڭىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، غايىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، ئالىيجاناب غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز يولداش ۋەن لىنى خاتىرىلىگىنىمىزدە، ئۇنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرغان مۇستەھكەم پارتىيەۋىلىكىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇستەھكەم پارتىيەۋىلىكى پارتىيەمىزنىڭ ئىلغارلىق ۋە پاكلىقنى ساقلىشى، رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بىز جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوغداپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەيدانىدا ئاڭلىق تۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولالايدىغان، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيەلەيدىغان، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالالايدىغان، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلالايدىغان، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز يولداش ۋەن لىنى خاتىرىلىگىنىمىزدە، ئۇنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دادىللىق بىلەن ئىزدىنىدىغان يول ئېچىش روھىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. تەرەققىياتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ چېكى يوق، ھەقىقەتنى تونۇش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭمۇ چېكى يوق. بىز دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى، ماركسىزم تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز يولداش ۋەن لىنى خاتىرىلىگىنىمىزدە، ئۇنىڭ جاسارەت بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى تارىخىي دەۋردىكى ئەڭ روشەن بايرىقى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، دادىللىق بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن بىر قاتار گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز يولداش ۋەن لىنى خاتىرىلىگىنىمىزدە، ئۇنىڭ خەلقنى ھۆرمەتلەپ، خەلققە تايىنىدىغان خەلقچىل مەيدانىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. خەلقچىل مەيدان پارتىيەمىزنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى، ئاممىۋى لۇشيەن پارتىيەمىزنىڭ جان تومۇرى ۋە تۈپ خىزمەت لۇشيەنى. بىز ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قوغداپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلققە بەخت يارىتىش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز يولداش ۋەن لىنى خاتىرىلىگىنىمىزدە، ئۇنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، تىرىشچان، پاك بولۇشتەك ئېسىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىستىلى دۇرۇس، خەلقنىڭ روھىي ھالىتى ياخشى بولسا، پارتىيە بىلەن خەلق جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولالايدۇ. بىز قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، ئېسىل ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ چىرىتىشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىگە ھەرگىز داغ تەگكۈزمەسلىكتەك سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. (‹‹سۆز››نىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلىدۇ)

    جاڭ دېجياڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يولداش ۋەن لىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئازادلىقى، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا قوشقان زور تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، بۇ، بىزنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ روھىنى ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، ئىنقىلابىي ئەجدادلار ياراتقان ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىمىزدا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، ‹‹ئىككى 100 يىل›› كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

    سۆھبەت يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت – ماتېرىياللار تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لېڭ رۇڭ، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخىي تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چۈ چىڭشەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى مېڭ ياڭ، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جياڭ يىكاڭ سۆز قىلدى.

    سۆھبەت يىغىنىغا ليۇ چىباۋ، لى جيەنگو، ۋاڭ ياڭ، جاۋ يۆجى، لى جەنشۇ، دۇ چىڭلىن، ياڭ جىڭ، يەن جۈەنچى، ما پېيخۇا قاتناشتى.

    مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، بېيجىڭ شەھىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش ۋەن لىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى، بىللە خىزمەت قىلغانلار ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى