• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن تۈرمە

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 14:14 06-12-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى: بولىۋىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى لاپازغا جايلاشقان تۈرمە دۇنيادىكى ئەڭ ئەركىن تۈرمە بولۇپ، بۇ يەردە مەھبۇسلارنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭمۇ تۈرمىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىكەن. زەھەرلىك چېكىملىك ئوچۇق- ئاشكارە سېتىلغاندىن سىرت، يەنە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. ھەتتا تۈرمىدىكى قائىدىلەرنىمۇ مەھبۇسلار ئۆزى بېكىتسە بولىدىكەن.


    بۇ يەرگە 3000 دىن ئارتۇق ئەر مەھبۇس قامالغان بولۇپ، تۈرمە ساقچىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىن خالىي ئىكەن. تۈرمە ساقچىسى پەقەت مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلسىلا بولىدىكەن. سۈرەتتە: مەھبۇسلار ئۆزى ياسىغان زەھەرلىك چېكىملىك.


    مەھبۇسلارنىڭ بالىلىرىمۇ تۈرمىگە كىرىپ، تۈرمە كامېرىسىدا ئوينىسا بولىدىغان بولۇپ، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ كوچا- رەستىلەردە ئوينىغىنىغا قارىغاندا بىخەتەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

    ئەگەر ئاياللارغا زورلۇق قىلىش ياكى بالىلارغا پاراكەندىچىلىك سالغانلار بار بۇلۇپ قالسا، ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن « مەھبۇسلار كومىتېتى› ئۇلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىنى يۈرگۈزىدىكەن. يۇقارقى سۈرەتتىكى جاي مانا ئاشۇنداق ئاياللارغا زورلۇق قىلىش ياكى بالىلارغا پاراكەندىچىلىك سىلىش جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان ئاشۇ ئەبلەخلەرنىڭ جازالىنىدىغان جايى ئىكەن .


    بولىۋىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى لاپازغا جايلاشقان تۈرمىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.


    ئاۋسترالىيەلىك يازغۇچى، مۇخبىر لاستى 2003- يىلى نەشىر قىلغان كىتابىدا بۇ تۈرمىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ھازىرمۇ بۇ تۈرمىنىڭ ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى