• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش ۋەزىيىتى كۈچەيمەكتە

    مەنبە : news.xinhuanet.com
    يوللانغان ۋاقىت : 13:52 06-12-2016
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا تورى خەۋىرى، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى يېقىندا بۇ يىلنىڭ 3-پەسىلىدە ئامېرىكا ئىقتىسادى %3.2 ئېشىپ، ئىككى يىلدىن بۇيانقى پەسىللىك ئېشىش كۆلىمىدە ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى دەپ جاكارلىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس ساقلاش كومىتېتى 30-نويابىر ئېلان قىلغان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، 10-ئاينىڭ باشلىرىدىن 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى داۋاملىق كېڭەيگەن، نۇرغۇن جايلارنىڭ ئىقتىساد ئىستىقبالى ياخشى ئىكەن. ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر مىنىستىرلىقىنىڭ 2-دېكابىردىكى دوكلاتىدا، پۈتۈن ئامېرىكىدا 11-ئايدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار مۇقىم ئېشىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.6 كە تۆۋەنلەپ، توققۇز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى دېيىلدى.

    ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، مالىيەنى قوزغىتىش، پۇل پىشاڭى قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، دۆلەت ئىقتىسادىنى كىرىزىستىن قۇتقۇزۇشقا تۈرتكە بولدى، ئەمما بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي كەلدى، بۇ يىلنىڭ 1-پەسىلىدە ئامېرىكا ئىقتىسادى %0.8، 2-پەسىلدە %1.4 ئاشتى.

    شەخسلەر ئىستېمالى ئەزەلدىن ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %70 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ كەلگەن. لېكىن يېقىنقى ئىككى يىلدا، شەخسلەر ئىستېمالىدا چوڭ كۆلەمدە ياخشىلىنىش بولمىدى. بۇ يىلنىڭ 3-پەسىلىدىن تارتىپ ياخشىلىنىش ئالامەتلىرى بارلىققا كەلدى، شەخسلەرنىڭ ئىستېمال چىقىمى %2.8 ئاشتى، 11-ئايدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىمۇ 107.1 گە يېتىپ، 2007-يىلى 7-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى. ئىستېمالنىڭ جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆي مۈلۈك كەسپىمۇ تەدرىجىي ئېشىشقا باشلىدى. ئۆلچەم ۋە پۇر شىركىتى 29-نويابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ 9-ئايدىكى ئۆلچەم ۋە پۇر ھەم كەيىس شىللېر مەملىكەتلىك ئۆي باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتوموبىل ئىستېمالىمۇ ئېشىشقا باشلىدى. يېقىندىكى قارا جۈمە، يەنى روژدېستۋا بايرىمىلىق تېز سېتىش پائالىيىتىنىڭ پايدىسىدىن ئامېرىكىدا 11-ئايدا سېتىلغان ئاپتوموبىل %5 ئاشتى، بۇ يىل سېتىلغان ئاپتوموبىل 2015-يىلى يارىتىلغان رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، ھۆكۈمەتنىڭ چىقىمىمۇ ئاشتى، ئىستېمالچىلارنىڭ سۇ، توك، گاز قاتارلىق تەرەپلەردىكى كۈندىلىك چىقىمىمۇ كۆزلىمىدىن ئېشىپ كەتتى، ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىمۇ %10.1 ئاشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ياردەم بەردى.

    ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى بېرنانكى ئامېرىكا ئىقتىسادى كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا يەنىلا داۋاملىق ياخشى ئېشىشى مۇمكىن دېدى. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى يەر شارى ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتىدا، تىرامپ ۋەزىپە ئۆتىگەن دەسلەپكى مەزگىلىدە بىر قىسىم مالىيەنى قوزغىتىش تەدبىرلىرىنى چىقىرىدۇ دەپ قارالدى. بۇ قوزغىتىش پىلانلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2017-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇندىن بۇرۇنقى كۆزلىمىدىكى %1.9 تىن %2.3 كە، 2018-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇندىن بۇرۇنقى كۆزلىمىدىكى %2.2 تىن %3 كە يېتىشى مۇمكىن. نۇرغۇن ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس ساقلاش كومىتېتىنىڭ 12-ئايدىكى تەدبىر چىقىرىش يىغىنىدىكى ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ دەپ قارىدى.

    يەنە نۇرغۇن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە ئالىملىرى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالىغا ئۈمىدسىز قاراشتا بولدى. ئۇلار كارخانىلارنىڭ ئامبار قالدۇقىنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ۋاقىتلىق ئامىل ئاجىزلاپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ 4-پەسىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، %2 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن، ئامېرىكا ئىقتىسادى يەنە نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ، مەسىلەن: مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ قەرزى ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ دەپ قارىدى، ئوباما ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ قەرزى ئون تىرىليون 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئېشىپ 20 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بىر ھەسسە دېگۈدەك قاتلاندى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى