• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۆزى شۇنداق كىچىك دۆلەت بولسىمۇ لىكىن بۇ يەر، يەر شارىدىكى بايلارنىڭ جەننەتتەك ماكانى ھېسابلىنىدۇ

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:45 06-12-2016
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بۈگۈنكى باش بەت خەۋەرلىرى تورى: بۇ دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىمۇ يوق ، بۇلغىما چىقىرىدىغان سانائىتىمۇ يوق ئىدى ، لېكىن خەلقى ئىنتايىن باي ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەر يەر شارى بويىچە بايلارنىڭ جەننىتى.

    موناكو - فىرانسىيەنىڭ جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز قىرغىقىدىن باشقا، پۈتكۈل شىمالىي، غەرب، شەرق ئۈچ تەرىپىنى فرانسىيە ئوراپ تۇرىدۇ. دۇنيادىكى كەم ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاتىكاندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، دۇنيادىكى ئىككىنچى كىچىك دۆلەت .

    بۇ دۆلەت گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن موناكونىڭ ئىقتىسادى خېلى تەرەققىي تاپقان، ئاساسلىقى قىمار، ساياھەت ۋە بانكا كەسپىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، دېڭىز بويى رايۇنلىرى بايلارنىڭ ئارام ئالىدىغان ياخشى جايى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بايلارنىڭ ھەممىسى ھەشەمەتلىك سەيلە كېمىسىدە سەيلە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ يەردە كەم بولمايدىغىنى سەيلە كېمىسى.

    موناكونىڭ داڭلىق بىناكارلىق ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى بولۇش سۈپىتى جەھەتتە ئىسمى جىسمىغا لايىق بولغان مۇھىم مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ ، بۇ مونتېكارلو ئوپېرا زالىنى 1879 - يىلى فرانسىيەنىڭ داڭلىق ئارتىسى بېرنخارد (Sarah Bernhardt ) يوپۇقىنى ئاچقان بولۇپ، شۇ چاغدا بۇ ئوپىرا زالىنىڭ ئىچى مەرتىۋىلىك تۆرىلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى ، 1892 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بۇ يەردە ھەر خىل تىياتىر ئوينالغان .

    موناكودىكى مونتې كارلو قىمارخانىسى، بۇ مونتې كارلو قىمارخانىسى ياۋرۇپادىكى ئەڭ قەدىمىي چوڭ تىپتىكى قىمارخانا، بۇ مونتې كارلو قىمارخانىسى 100 يىلنىڭ ئالدىدا سېلىنغان چاغدىكى قىياپىتىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن. مونتې كارلو قىمارخانىسى مەخسۇس پۇلدارلار ئويۇن تاماششا قىلىدىغان جاي.

    موناكودا ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ قىمارخانا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساياھەتچىلەرنىڭ ئېكىسكۇرسىيە قىلىشى ئۈچۈن بېلەت سېتىۋېلىش كېرەك.

    چوڭ قىمارخانىدا يەنە بالېت تىياتىرخانىسى ۋە تىياتىرخانا بار، ئۇنىڭدىن باشقا يېقىن ئەتراپىغا ئۈچ بۇرجەك مەيداندا تەسسىس قىلىنغان ، تۈرلۈك زىبۇ، داڭلىق مېھمانخانا، كۇلۇب، قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ دۇنيادىكى پۇل ئەڭ كۆپ كىتىدىغان ھەم ياخشى دەم ئالىدىغان جايلارنىڭ بىرى.

    بۇ مونتېكارلو مۇسابىقە يولى − مونتېكارلو مۇسابىقە يولى دۇنيا بويىچە تۆت چوڭ داڭلىق مۇسابىقە يولىنىڭ بىرى.

    موناكودىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت ياتاق بىناسى، بۇ بىر دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك ياتاق بىناسى ھېسابلىندۇ، بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇنىڭ باھاسىنى 240 مىليون فوندستېرلىڭ ( تەخمىنەن 2 مىليارد 400 مىليون يۈەن خەلق پۇلى ) . بۇ ياتاق بىناسىنىڭ ئېگىزلىكى 560 ئىنگىلىزچى ( تەخمىنەن 170 مېتىر ) ئىگىزلىكتىكى بىنا، بۇ ياتاق بىناسىدا يەنە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بولغان چەكسىز سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى