• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شەۋكەت مىرزىيايېف ئۆزبېكىستاننىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى

    مەنبە : news.163.com
    يوللانغان ۋاقىت : 11:00 06-12-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ۋاڭيى تورى خەۋىرى: ئالمۇتا، 12-ئاينىڭ 5- دېكابىر تېلېگراممىسى، 5–دېكابىر سايلام بېلىتىنىڭ دەسلەپكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي سايلام كومىتېتى ئۆزبېكىستاننىڭ ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭى، ئاقىللار ھەرىكىتى- ئۆزبېكىستان ئەركىن دېموكراتىك پارتىيەسىدىكى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى شەۋكەت مىرزىيايېف ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى بەشىنچى قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %88.61 بېلەت بىلەن غەلىبە قىلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغانلىقىنى ئىلان قىلغان. ئۆزبېكىستان قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، رەسمىي نەتىجىسى 10– دېكابىرغىچە ئېلان قىلىنىدىكەن .

    بۇ قېتىمقى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاش 4– دېكابىر ئەتىگەن سائەت ئالتىدە باشلىنىپ، سائەت 20دە ئاخىرلاشقان. ئۆزبېكىستان مەملىكەت بويىچە 9383 بېلەت تاشلاش پونكىتى تەسىس قىلىغان بۇلۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېگرا سىرتىدىكى 44 دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىسى قاتارلىق دىپلوماتىيە ئورگىنىدا بېلەت تاشلاش پونكىتى تەسىس قىلغان. 37 مىڭ كۈزەتكۈچى بۇ قېتىمقى سايلامنى نازارەت قىلغان بۇلۇپ، بۇ 600 گە يېقىن خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
    ئېگىلىنىشىچە، ئالدىنقى تۆت قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئىسلام كەرىموف ئىزچىل زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنىپ كەلگەن بولۇپ، شەۋكەت مىرزىيايېف ئۆزبېكىستاننىڭ ئىككىنچى زۇڭتۇڭى ھېسابلىنىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى