• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    2016-يىلى يۈز بەرگەن غەلىتە ئىشلار

    مەنبە : news.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 18:19 05-12-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تېڭشۈن تورى خەۋىرى: يېقىندا، رېيتېر ئاگېنتلىقى 2016-يىلى يۈز بەرگەن ئەڭ غەلىتە ئىشلارنى ئىلان قىلغان. بىز تۆۋەندە قانداق ئىشلار ئىكەنلىكنى كۈرۈپ باقايلى.

    سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگونىڭ فۇجۇ شەھىرى، بىر ئەرنىڭ بېشى كىر ئالغۇنىڭ قۇرۇتۇش ساندۇقىغا كىرىپ قالغان بۇلۇپ، ئاخىرىدا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى كىرئالغۇنى كېسىپ بۇ ئەرنى قۇتقۇزۇپ چىققان.

    سۈرەتتە:7 -ئاينىڭ 18-كۈنى، ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرى، بىر ئاققۇ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلېاتقان ئىكەن. ئەنگىلىيە تېمىس دەرياسىدىكى ئاققۇلارغا يىلدا بىر قېتىم «نوپۇس تەكشۈرۈشى» ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

    سۈرەتتە:2 -مارت خەۋىرى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئېلان قىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى NASAنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى سىكوت كېللىي (Scott Kelly) تىرانسىپورت ئالەم كېمىسى ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن يېڭى مېۋىلەرنى تاپشۇرۇۋالماقتا.

    سۈرەتتە:7-ئاينىڭ 20-كۈنى، كولۇمبىيە بوگوتا شەھىرى، بىر ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىمى ئەسكىرى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 206 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پاراتىغا قاتنىشىشقا تەييارلانماقتا.

    سۈرەتتە:4-ئاينىڭ 11-كۈنى، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ زاۋىدوۋىچى (Zavidovići) شەھىرى، سۇئاد كەسەروۋىچ (Suad Keserovic) ئىسىملىك كىشى بىر دانە غايەت زور تاش شارنى بىر تەرەپ قىلماقتا. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ تاش شارنىڭ دىئامېتىرى 3.3 مېتىر بولۇپ، تەخمىنەن 35 توننا كېلىدىكەن.

    سۈرەتتە:9-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئەنگىلىيە شوتلاندىيەنىڭ گىرانجموۋس (Grangemouth)، ئەنگلىيەلىك بىر ئەر ئىنېيوس (Ineos) گۇرۇھىنىڭ ئىشخانىسى سىرتىدا نەي چېلىش ماھارىتى ئورۇنداپ، مەزكۇر گۇرۇھنىڭ ئەنگىلىيەگە تۇنجى قېتىم ئىمپورت سېلانتىس گازى كىرگۈزگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرمەكتە.

    سۈرەتتە:9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئاۋسترالىيىنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋالېس ئىشتاتىنىڭ دېنىلىكۇيىن (Deniliquin) شەھىرى، «پىكا بايرىمى» مەزگىلىدە قوي قىرقىغۇچى كىرىس كېرموند (Chris Kermond)بىر تەرەپتىن كىچىك موتسىكىلىتىنى مىنگەچ يەنە بىر تەرەپتىن كولا ئىچمەكتە.

    سۈرەتتە:4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ياپونىيەنىڭ سېنداي شەھىرى، چاچا (Chacha) ئىسىملىك بىر ئەركەك ئورانگوتان ياۋايىي ھايۋاناتلار باغچىسىدىن قېچىپ كەتكەن بۇلۇپ، ئۇ ھايۋاناتلار باغچىسى ئەتراپىدىكى ئولتۇراق رايونىغا قېچىپ كىرىپ، توك سىمى تۈۋرۈكىگە چىقىۋىلىپ، بىر سائەتكىچە چۈشمىگەن. ئاخىردا خىزمەتچى خادىملار ناركوز مىلتىقى بىلەن ئۇنى ئېتىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇتقۇزۋالغان.

    سۈرەتتە:4-ئاينىڭ 17-كۈنى، رۇسىيەنىڭ كىراسنويارسىك (Krasnoyarsk)، بىر مۇز تېيىلىش ھەۋەسكارى سۇ كۆلچىكىگە سەكرەشتىن بۇرۇن باشقىلار تۇتۇپ بەرگەن گارغا توپ تاشلاپ ماھارەت كۆرسەتمەكتە.

    5-ئاينىڭ 3-كۈنى، فىرانسىيەنىڭ نىس، بىر ئايال ئىتى بىلەن بىشىغا ئىت كاللىسى نىقابى كىيىۋالغان بىر ئادەم ھەيكىلى يېنىدا توختاپ تاماشا قىلماقتا.

    سۈرەتتە:5-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئىرېلاندىيەنىڭ غەربىي دېڭىز ساھىلى، قانىتى سۇنۇپ كەتكەن بىر بويىن 767 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بېسىلغان بىر كېمە شاننون خەلقئارا ئايرودورومىدىن Enniscrone پورتىغا يۆتكەپ ئېلىپ مېڭىلماقتا. ئۇ ھازىر ھەشەمەتلىك دالا كەنىتى Glamping Villageنىڭ ياتاقىقى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

    سۈرەتتە:5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ھىندىستان ئەھمەدئاباد، بىر تۆگە ھارۋىغا بېسىلغان كىچىك ئاپتوموبىلىنى سۈرەپ ماڭماقتا.

    سۈرەتتە:6-ئاينىڭ 2-كۈنى، پەلەستىن غەززە شەھىرى، 12 ياشلىق پەلەستىنلىك ئوغۇل بالا مۇھەممەد ئەل-شەيخ كوچىدا ئەۋرىشىم بەدەن ماھارىتىنى نامايەن قىلماقتا.

    سۈرەتتە:7-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئامېرىكا نىيۇيورك كونېي ئارىلى، شۇ جايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىت گۈشى يېيىش مۇسابىقىسىدە ئەرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونى جوي چېستنات (Joey Chestnut)نىڭ باش ھەيكىلى كىشىلەر توپى ئارىسىدىن ئاسمانغا كۈتۈرۈلگەن.

    سۈرەتتە:7-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لوس ئانجىلىس شەھىرى، يولدىن ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كوچا سەنئەتكارىنىڭ نومۇرىنى كۆرگەچ يولىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

    سۈرەتتە:2-ئاينىڭ 13-كۈنى، تايلاند راتچابۇرى (Ratchaburi) شەھىرى، ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، تۆت جۈپ تايلاندلىق ئەر-ئايال شۇ جايدىكى بىر ساياھەت مېھمانخانىسىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈدى، ھەمدە «پەرىنىڭ كۆكتىن گۈل ياغدۇرۇشى» دېگەن نومۇرىنى ئورۇندىغان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى