• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سايلامدىن كېيىن ئوباما ۋە ترامپ نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتىدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:14 05-12-2016
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تېخى يېقىندىلا ئاخىرلاشقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ترامپ غەلىبە قىلىپ 58- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلاندى. ئۇ كېلەر يىلى 20-يانۋار رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ، ئۇنداقتا ھازىرقى كۈنلەردە ترامپ بىلەن ئوباما نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقاندۇ.

    يېقىندىن بۇيان چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئوبامانىڭ ئىش -ھەرىكەتلىرىگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دېگەندەك سۆزلەرنى قوشۇپ خەۋەر بېرىدىغان بولدى، ۋال كوچىسى گېزىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما 14-نويابىردىن باشلاپ، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دۇنيا زىيارىتىنى باشلىغان، ئۇ 15- نويابىر گىرىتسىيەنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، گىرمانىيەدە ئىككى كۈن تۇرغان ھەمدە بۇ سەپىرىنىڭ ئاخىرقى بىكىتىنى پىرۇ قىلىپ بىكىتكەن، ئۇ يەنە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سۈپىتىدە چەتەللەردە نۇتۇق سۆزلىگەن.

    ھالبۇكى، بىر ھەپتە داۋاملاشقان سەپەر ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئانچە ئوخشاش بولماي قالغان، ترامپ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغاندىن كىيىن ئوباما ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ئالدىدا سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالغان، چۈنكى ئۇ ئىلىگىرى كۆپ قىسىم خەلقارالىق سەھنىلەردە، ترامپنىڭ زۇڭتۇڭ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما رەھىمسىز رېئاللىق ئۇنى مەسخىرىگە قويغان.

    ترامپ13- نويابىر مۇھىم ئىككى ئورۇنغا يېڭى رەھبەر تەيىنلىگەن، يەنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى، مەملىكەتلىك كومىتېتنىڭ رەئىسى پرېباسنى ئاق ساراي ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، سايلام رىقابىتى ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى باننوننى باش ئىستىراتىگىيەچى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچى قىلىپ بېكىتكەن.

    پرېباسنى بۇ ۋەزىپىگە قويۇش يولغا قويغانلىقىنىڭ، يەنى ترامپنىڭ كەلگۈسىدە پارلامىنىت بىلەن ھەمكارلىششىنى خالايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بىراق باننون بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كىيىن سىرتقى ساھەدىكىلەر بۇنىڭغا قارشى چىققان، ئىسپانىيىدىكى «دۆلەت گېزىتى» باننوننى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى «ئەڭ خەتەرلىك ئادەم» دەپ قارىغان.

    «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ترامىپ ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن مايكول فىلەننى دۆلەت خەۋىپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى قىلىپ تەيىنلىنگەن. فىلەن سىلەر 2014- يىلى دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قىلغاندىن كېيىن، رادىكالىزىمغا زەربە بېرىش مەسىلىسىدە ئوباما بىلەن ئىختىلاپلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىستېپا بەرگەن. فىلەننىڭ دېيىشىچە، رادىكالىزىمچىلار« ئىنتايىن قەبىھ، داۋاملىق كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان» كىشىلەر ئىكەن، شۇڭا ئۇ تېخىمۇ ئاكتىپ زەربە بېرىش چارىسى قوللىنىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

    «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى، باننون مەسلىھەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ترامپقا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، ئۇ يېڭى زۇڭتۇڭنى رادىكالىزىمچىلار بىلەن «دۇنيا ئۇرۇشى» قىلىشقا كۆندۈرەلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ھەر قانداق بىر مەنپەئەتداش ئىتتىپاقداش بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى، بۇنىڭ ئىچىدە روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ بار بولۇش مومكىن.

    ترامپ يېقىندا يەنە توردا ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى، قوللىغۇچىلارنىڭ رەھبىرى، ئوڭچىل سىياسىيون فاراچىنىئەنگىلىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلەش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ نارازىلىقنى يوشۇرۇن ئىپادىلىگەن ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ كىمنى باش ئەلچى قىلىشنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى، تېرىسا مېينىڭ ئىشخانىسى ھازىرقى باش ئەلچىنى ئالماشتۇرۇش ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلغان.

    ئامېرىكىدىكى «دىپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فاراچىنى بۇ ۋەزىپىگە ترامپنىڭ ئەنگلىيىەنىڭ سىياسىيونلار بىلەن ئالاقە قىلىشتا، نورمال دىپلوماتىك يولدىن ئەگىپ ئۆتۈشتەك، ئادەتنى شەكىللەندۈرۋالغانلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. بۇ ترامپ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىدىكى يولنىڭ «ئەگرى -توقاي» ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

    ترامپنىڭ باش ئىستراتېگىيەچىسى باننون بۇنىڭدىن بۇرۇن فراچى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەن، بۇ ھال باش ۋەزىر تېرىسامېينىڭ بېشىنى قاتۇرغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى