• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    پاك گۆنھيې زۇڭتۇڭ بولغاندىن بېرى 700 مىليون ۋونغا كىيىم سېتىۋالغان

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:33 05-12-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    كورېيە تاراتقۇسى Insightنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گۆنھيې زۇڭتۇڭ بولغاندىن تارتىپ، كىيىم سېتىۋالغان پۇل 700 مىليون ۋون (تەخمىنەن 4 مىليون 130 مىڭ يۈەن)دىن ئېشىپ كەتكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاك گۆنھيې ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن باشلاپ، ئۇنىڭ ياقىسى تىكلەنگەن، ساغرىسىنى يېپىپ تۇرىدىغان كىيىملىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

    ئېيتىلىشىچە، 2013-يىلى، يەنى پاك گۆنھيې زۇڭتۇڭلۇققا ئولتۇرغان تۇنجى يىلىلا 94 خىل كىيىم كىيگەن.

    خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، پاك گۆنھيې ھەمىشە سېئۇل گاڭنام ئەتراپىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئاياللار كىيىمى دۇكىنىغا بارىدىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى كىيىملەرنىڭ باھاسى تەخمىنەن 450 مىڭ ۋوندىن 3 مىليون ۋون (تەخمىنەن 2655 يۈەندىن 18 مىڭ يۈەن)غىچە ئىكەن. پاك گۆنھيې يەنە كورېيەچە كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل كىيىملەرنىڭ باھاسى 1 مىليون 200 مىڭ ۋوندىن 2 مىليون 500 مىڭ ۋون (7000 يۈەندىن 15 مىڭ يۈەن)غىچە ئىكەن.



    كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ مۇشۇ بويىچە ھېسابلىشىچە، پاك گۆنھيې زۇڭتۇڭ بولغاندىن ھازىرغىچە، كىيىم سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا تەخمىنەن 740 مىليون ۋون سەرپ قىلغان.

    «يېقىنلىرىنىڭ سىياسىيغا ئارىلىشىۋېلىش سەتچىلىكى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەلۇم پارلامېنت ئەزاسى كۆك سارايدىن زۇڭتۇڭنىڭ كىيىملىرىنىڭ باھاسىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان، بىراق كۆك ساراي پاك گۆنھيېنىڭ كىيىمنى ئۆزىنىڭ پۇلىغا سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتقان.

    بىراق، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر پاك گۆنھيېنىڭ كىيىملىرىنى باشقىلار ئارقا ئىشىكتىن مېڭىپ سوۋغا قىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلغان.

    بۇنىڭدىن سىرت، كورېيە تاراتقۇلىرى يەنە پاك گۆنھېي ۋەزىپىگە ئولتۇرغان مەزگىلدە، پاك گۆنھيېنىڭ كىيىملىرىنى ساقلاش ئۈچۈن، كۆك ساراينىڭ 4 دانە ئالىي دەرىجىلىك كىيىم ئىشكاپى سېتىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.




    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى