• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تىرامپ ئامېرىكا ھەربىي سانائەت زاۋۇتلىرىغا زور سودا پۇرسىتى يارىتىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:27 05-12-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئەنگىلىيە ريېىتر ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئاينىڭ 4-كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش قىلىش قىسىمىنىڭ باشلىقى يوھان رىچاردسون گېنېرال مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ناۋادا ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان تىرامپ ئۇنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كۆلىمىنى 350 پاراخوتقا كېڭەيتىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولسا، ئامېرىكا ھەربىي سانائەت زاۋۇتى ئاللىقاچان تەييارلىق قىلىپ قويدى.كالىفورنىيەنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدىغان رىگان دۆلەت مۇداپىئە مۇنبىرىدىكى بىر قېتىملىق زىيارەتتە بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدىكى نۆۋەتتىكى 308 دانە ھەربىي پاراخوتنى كۆپەيتىش نىشانىغا يېتىش ناھايىتى ئاسان، پەقەت مەبلەغ يېتەرلىك بولسىلا، بۇ ھېچگەپ ئەمەس. ناۋادا مەبلەغ يېتەرلىك بولسا، بۇ پەقەت ھەربىي سانائەت كارخانىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتش مەسىلىسىلا بولۇپ قالىدۇ، ئەمما ئۇلار بۇ ئىشقا ئاللىقاچان تەييارلىق قىلىپ قويدى، بىردىن-بىر چەكلىگۈچى ئامىل كېمە ياسىغۇچىلارنى ياللاش ۋە تەربىيەلەش مەسىلىسىدۇر.ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنى ياسايدىغان ئەڭ چوڭ كېمىسازلىق شىركىتى HII.N نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مەيك پىتتېرس زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: ناۋادا مېنىڭ بۇنچە كۆپ پاراخوت ياساشقا قۇربۇم يەتمىسە، ئۇنداقتا مەن ھۆكۈمەت پۇل چىقارغاندىنمۇ تېز سۈرئەتتە پۇل ئاجىرتىپ شۇنداق ئىقتىدارنى ھازىرلايمەن.خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تىرامپ سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى ھەربىي پاراخوت سانىنى 350 يەتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ئەمما قانۇن چىقارغۇچىلار ۋە ھەربىي تەرەپنىڭ ئەمەلدارلىرى ئەسكەرتىش بېرىپ: تىرامپنىڭ بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ خادىملارنىڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، تەربىيلەش ئېلىپ بېرىشىقا مۇھتاج بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى