• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تارىختىكى دۇنيانى بويسۇندۇرماقچى بولغان بەش ئىمىپېراتور

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:31 03-12-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى خەۋىرى: بىز تارىختىكى دۇنيانى بويسۇندۇرماقچى بولغان بەش ئىمىپېراتور بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى.

    چېڭگىزخان. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى تېمورچىن بۇلۇپ، مۇڭغۇل ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان، مۇڭغۇللار ئۇنى ھۆرمەتلەپ ‹چېڭگىزخان› دەپ ئاتىغان. ئۇ تارىختىكى بۇيسۇندۇرغان زېمىنى ئەڭ كۆپ بولغان، نەزىرىنى پۈتكۈل دۇنياغا قاراتقان ئىستىلاچىلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، 1206– يىلدىن 1227– يىلغىچە دۇنيانىڭ تەخمىنەن تۆت مىليون 860 مىڭ كىۋادىرات ئىنگىلىز مىلى زېمىنىنى بويسۇندۇرغان.
    ئالېكساندىر. ئۇ ياۋروپا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تۆت ھەربىي سەركەردىنىڭ بىرى بۇلۇپ، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 334– يىلدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 326– يىلغىچە دۇنيانىڭ 2 مىليون 180 مىڭ كىۋادىرات ئىنگىلىز مىلى زېمىنىنى بويسۇندۇرغان. ئۇنىڭ زېمىنى ياۋروپا، ئاسيادىن ھالقىپ، شەرقىتە ھىندىستان، جەنوپتا نىل دەرياسى ۋە شىمالدىكى كەڭ زېمىنلارغىچە سوزۇلغان.
    ئەمىر تۆمۈر. ئۇ تۈركلەشكەن مۇڭغۇل بۇلۇپ، 1370– يىلى ئىمپىرىيە قۇرغان. ئۇ ھاكىمىيەت سۈرگەن دەۋر ئىنتايىن گۈللەنگەن بۇلۇپ، ھېچقانداق بىر كۈچ ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشەلمىگەن. ئەمىر تۆمۈر 1370– يىلدىن 402– يىلغىچە دۇنيانىڭ تەخمىنەن2 مىليون 140 مىڭ كىۋادىرات ئىنگىلىز مىلى زېمىنىنى بويسۇندۇرغان، ئۇ قۇرغان ئىمپېرىيە ئۇتتۇرا ئاسيادىكى ئۆزبىكىستان، گىرۇزىيەدىن تارتىپ ھىندىستانغىچە، ئۇتتۇرا، غەربىي ئاسيا ۋە جەنۇبىي ئاسيادىكى بىر قىسىم جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
    گىتلىر. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغۇچى، كىشلەر ئۇنى تارىختىكى ئەڭ ۋەھشى ئادەم دەپ قارايدۇ. ئۇ تەخمىنەن 35 مىليون كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان. گىتلىر 1933– يىلدىن 1942– يىلغىچە دۇنيانىڭ 1 مىليون 370 مىڭ كىۋادىرات ئىنگىلىز مىلى زېمىنىنى بويسۇندۇرغان بۇلۇپ، پۈتكۈل ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنى ئىنگىلىز بۇغۇزىدىن موسكىۋاغىچە، شىمدلسد نورۋېگىيەگىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
    ناپالىئون. ئۇ فرانسىيە دە تۇغۇلغان، ئالاھىدە تالانتلىق ھەربىي ئالىم. ئۇ دۇنيانىڭ تەخمىنەن 720 مىڭ كىۋۋادىرات ئىنگىلىز مىلى زېمىنىنى بويسۇندۇرغان بۇلۇپ، فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، شىۋىيتسارىيە، ئىسپانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى