• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيادىكى ئەڭ نامرات زۇڭتۇڭ ، 28 يىلغىچە بىر ماشىنىنى ئالماشتۇرماي ھەيدىگەن

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 11:35 03-12-2016
    تەھرىر : ھۆرنىسا
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بۈگۈنكى باش بەت خەۋەرلىرى تورى : بۇ ئىشلارنى بىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىشمىز ناھايىتى تەس، ئۇ شۇنچىلىك ئاددىي-ساددا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ زۇڭتۇڭ دەرىجىدىكى ئادەم تۇرۇقلۇقمۇ مۇشۇنداق تۇرمۇش كەچۈرەتتى ، ئۇنى دۇنيادىكى باشقىچە بىر ئادەم دېيىشكە بولىدۇ .ئۇ ھەقىقەتەن باشقىچە بىر ئادەم ، ئۇ بولسا ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى موشىكا، ئۇنىڭغا ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئەڭ نامرات زۇڭتۇڭ دەپ باھا بىرىلگەن، گەرچە ئۇ ماددىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن شۇنداق، بىراق ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئىنتايىن باي دېيىشكە بولىدۇ.

    گەرچە ئۇ زۇڭتۇڭ بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا كىردىغان كىرىممۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس ، لىكىن ئۇ مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ كىرىمىنىڭ % 90 نى ئىئانە قىلىۋەتكەن. ئۇ ئۆيدە ئۆزى يالغۇز قالغان چاغلىرىدا ، ئۆزى تاماق ئېتىدۇ، قاچا يۇيىدۇ، تازىلىق قىلىدۇ دىگەندەك.

    بوش ۋاقىتلاردا، ئۇ يەنە ئىتنى ئېلىپ سىرىتلارغا ئايلانغىلى چىقىدۇ، راستىنى دېگەندە، بۇ زۇڭتۇڭ ئەمەلىيەتتە بۇ زۇڭتۇڭنى ئەڭ ئادەتتىكى پۇقرادەك زۇڭتۇڭ دەپ قاراشقا بولىدۇ.

    ئۇ كۆپىنچە ئىشلارنى ئۆزى قول سېلىپ قىلىدىغان بولۇپ، راستىنلا بىر ھۆرمەتكە سازاۋەر ياشانغان ئادەم.

    ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغان چاغلىردىمۇ، بەزىدە ئورۇن يوق بولۇپ قالغاندا، باشقىلار ياشانغانلارنى ياكى زۇڭتۇڭىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىسا بولاتتى ، بۇ بىر ئەخلاق مىزانى، ئەكىسچە زۇڭتۇڭ باشقىلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئۆزى ئۆرە تۇرىدۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلاتتى.

    ھەتتا ئۇ تراكتورمۇ ھەيدىيەلەيدۇ ، ئۇنىڭ ناھايىتى قابىلىيىتى بار !

    بۇ زۇڭتۇڭغا ئۇرۇگۋايدىكى ئامما قانداق قارايدىغاندۇ ؟ ئۇلار ئۆزىنىڭ زۇڭتۇڭدىن شۇنداق سۆيۈنىدۇ ، ئۇ ۋېلىسپىت مىنىپ بېرىپ كۆكتات سېتىۋالغىلى بارغاندا باشقىلار بۇ زۇڭتۇغا تېخىمۇ قايىل بولۇپ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلۇققىمۇ سايلاشنى ئويلىغان.

    ئۇ ۋە ئۇرۇگۋاينىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ۋە مالىيە مىنىستىرى بىللە. مىنىڭچە بۇ سۈرەتنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇشى مومكىن، ئۇ بىر زۇڭتۇڭ دەرىجىدىكى ئادەم بولسىمۇ شۇنچىلىك ئاددىي - ساددا .

    ئۇنىڭ بۇ ماشىنىنى ھەيدەۋاتقىنىغا توپتۇغرا 28 يىل بولدى. ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. ھازىرقى ياشلار ئاساسەن بىر ماشىنىنى تۆت- بەش يىل ھەيدەپلا ئالماشتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ بۇ ماشىنىسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ساقلاش قىممىتى بار .


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى