• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن قورالنىڭ رەت تەرتىپى

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 10:25 03-12-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى: ئىسسىق ئىنىرگىيەلىك قوراللار كەشىپ قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان تالاپەتلەر ناھايتى تېز كۆپىيىپ كەتتى دېيىشكە بولىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تالاپەتكە ئۇچرىغانلار 30 مىليۇندىن ئېىشىشى مۇمكىن ئىكەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تېخىمۇ كۆپ بۇلۇپ، ئاشۇ قوراللار ئۆلتۈرگەن ئادەملەرنىڭ سانى ناھايتى كۆپ ئىكەن.
    ئاتوم بومبىسى

    يەتتىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى،ئاتۇم بومبىسى. ئاتوم بومبىسىنى كىشلەر بىرىنچى ئورۇنغا تېزىلىشى كىرەك دەپ قارىشى مۇمكىن. چۈنكى قانداقلا بولىسۇن ئاتوم بومبىسى بىر قۇيۇلۇپ بىرىلدىغان بولسا، نەچچە ئونمىڭ ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ ئادەم ئۆلۈپ كىتىدۇ، لېكىن ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، ئاتوم بومبىسى پەقەت ئىككى قېتىملا قۇيۇپ بېرىلگەن بۇلۇپ، 300 مىڭ ئالدەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلغان، بۇ سان يەنە بىر خىل مەھسۇلاتنىڭ سانىغا يەتمەيدۇ.

    38 تىپلىق مىلتىق (Sanpachi-shiki hohei-ju)

    ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى، ياپونىيەنىڭ 38 تىپلىق مىلتىقى. بۇ ياپونىيە – روسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىشلىتىلگەن مۇنتىزىم قورال بۇلۇپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقىچە ئىشلىتىلگەن. ياپونىيە ئارمىيەسى بۇ قۇرالنى توپتوغرا 40 يىل ئىشلەتكەن، ستاتىستىكاغا ئاساسلانغاندا، 38 تىپلىق مىلتىقتىن 3 مىليون 400 ئى ئىشلەپچىقىرىلغان بۇلۇپ، كۆپىنچىسى جۇڭگوغا تاجااۋۇز قىلغان مەزگىلىدە جۇڭگو جەڭ مەيدانىدا ئىشلىتىلگەن، جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە جۇڭگونىڭ ئاددىي پۇقرالىرىنى غايەت زور تالاپەتكە ئۇچراتقان.
    موسىن نىگانىت مىلتىقى (Mosin-Nagant Rifle)

    بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موسىن نىگانىت مىلتىقى. ئۇ چاررۇسىيە دەۋرىدىكى قوراللىق قوشۇنلىرىنىڭ مىلتىقى بۇلۇپ، تاكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ تىپى ئۆزگەرتىلىپ يەنىلا ئىشلىتىلگەن، تۇنجى قېتىم مۇكەممەل ھالدا بىرنچى دۇنيا ئۇرۇشى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن، چاۋشيەندە ئۇرۇش پارتلىغاندا، نۇرغۇن جۇڭگو ئەسكەرلەرىنىڭ قولىدىكى جەڭ قۇرالى يەنىلا مۇشۇ موسىن نىگانىت مىلتىقى ئىكەن.
    MG42

    تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى، گېرمانىيەنىڭ MG42 پىلىموتى. ھەممە ئېتىراپ قىلغان دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ ئېسىل جەڭ قۇرالى پىلىموت بۇلۇپ، كىشىلەر ئۇنى « تۇل خوتۇن ياسىغۇچى » دەپ ئاتىغان، ئۇنى ئاتقان چاغدا ئاۋازچىقىدىغان بۇلۇپ، بىر مىنۇتتا نەچچە مىڭ پاي ئوق قويۇپ بېرىدۇ، قىرىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك.
    ماۋزۇر مىلتىق

    ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى، بولسا ماۋزۇر مىلتىق. بۇ گېرمانىيەلىك ماۋزۇر ئاكا–ئۇكىلار كەشىپ قىلغان بىر خىل مىلتىق، بۇ مىلتىق بىرىنچى دۇنيا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيە قوشۇنلىرى ئىشلەتكەن ئۆلچەملىك مىلتىق بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن قورال بۇلۇپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ مىلتىققا تەقلىد قىلىپ، مىلتىق ئىشلەپچىقارغان ھەم ئىشلەتكەن. شۇڭا ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈش مىقدارى ناھايىتى چوڭ قورال ھىساپلىنىدۇ.

    AK-47

    ئىككىنجى ئورۇنغا تىزىلغىنى، (AK47 (assault rifle، ئۇنىڭ دۇنيادا ئىشلىتىلگەن ۋاقتى ئۇزۇن بولمىغان بۇلۇپ، 1947 يىلى ئىشلەنگەن، چوڭ ئۇرۇش ئاخىرلىشاي دەپ قالغان ۋاقىتتا ياسالغان بولسىمۇ، ئۇ ئاساسىي جەھەتتىن كېيىنكى يېرىم ئەسىرلىك ئۇرۇشقا ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭدىن 75 مىليون دانە ئىشلەپچىقىرىلغان بۇلۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ياسىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ قۇرال ھىساپلىنىدۇ. ھەر يىلى نۇرغۇن ئۆلۈم- يېتىمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، لېكىن ئۇ يەنىلا دۇنيا دەرىجىلىك داڭلىق قورال.
    ماكسىم ئېغىر پىلىموتى( Maxim gun)

    ئىنسانىيەت تارىخىدا ئادەم ئۆلرۈش قىتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى « ماكسىم » زەربە قۇرالى بۇلۇپ ، 1843- يىلىدىكى ماكسىم پىلموتىنىڭ ئاۋازى شۇ ۋاقىتتىكى ئەسكەرلەر ئاڭلىغان ئەڭ قورقۇنچلۇق ئاۋاز ئىكەن. قارىغاندا، ئۇ ئۆلتۈرۈگەن ئادەمنى ئىستاتسىكا قىلغاندا 10 مىليوندىن ئىشىپ كەتكەن. بىر جەڭدىكى سوم دەرياسى جېڭىدە، ماكسىم ئېغىر پىلىموتىنى ئىشلىتىپ، جەڭ قىلغان ئىككى تەرەپتىن 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم قۇربان بولغان. بىر مۇبلىغەلەشتۈرۈلگەن ئىدىيەدە مۇنداق دېيىلگەن : ماكسىم ئېغىر پىلىموتى توپتوغرا بىر ئەۋلاد ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆلتۈردى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى