• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيا جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىن، جۇڭگو ئارزۇسىدىن نەپ ئالماقتا

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 14:57 02-12-2016
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تۆت يىل ئىلگىرى جۇڭگو ئارزۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يەرشارىدىكى كۈچلۈك سىگنالغا ئايلىنىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

    تۆت يىلدىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ئالىملىرى جۇڭگو ئارزۇسى ھاسىل قىلغان ئىجابىي تەسىرگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇلار: جۇڭگو ئارزۇسى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئۇلۇغ نىشان ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا نۇرغۇن پۇرسەت ۋە پارلاق كەلگۈسى ياراتتى، دېيىشتى.

    چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ئارزۇسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان گۈزەل ئارمانلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئومۇمىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئىلمىي باھا بەرگەندىن كېيىن چىقارغان مۇۋاپىق نىشانى شۇنداقلا خەلقنىڭ ساداسى ۋە دەۋر ئېھتىياجىنىڭ بىرىكمىسى ئىكەن.

    ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جېس بېرنات مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو ئارزۇسى جۇڭگودىكى ۋەتەنپەرۋەر ۋە يىراقنى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدىن باشلاپ كۈتۈۋاتقان ۋە ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان خىياللىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگو ئارزۇسى بۇ خىياللارنىڭ يىغىندىسى. ھازىرقى جۇڭگو تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىمۇ بەكرەك بۇ ئارزۇغا يېقىنلاشتى، ئۇ بولسىمۇ ۋەتەننىڭ قۇدىرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختكە ئېرىشىشى. بۇ ھالقىلىق تارىخىي پەيت بىرلىككە كەلگەن ئىرادە ۋە نىشانغا موھتاج، جۇڭگو ئارزۇسى دېگەن بۇ ئۇقۇم نەق بۇ ئېھتىياجغا جاۋاب بولدى. جۇڭگو ئارزۇسى يىراققا نەزەر تاشلانغان، رېئاللىق ئاساس قىلىنغان ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ ئېھتىياجىنىڭ بىرىكمىسى، بىر شەخس، بىر ئائىلە ھەتتا پۈتۈن مىللەتنىڭ ئېھتىياجىنىڭ يىغىندىسى.

    مىسىرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ھەممۇد ئەلەم مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارزۇسىدا جۇڭگو ئىقتىسادى، سىياسىيسىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھەر بىر جۇڭگو پۇقراسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پۇرسىتى بار، جۇڭگونىڭمۇ خەلقئارا سەھنىدە تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇش ئىقتىدارى بار. جۇڭگو مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەت، جۇڭگونىڭ تارىخىي بۇرچنى ئادا قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىدارى. جۇڭگو ئارزۇسى 2012-يىلى نەق پەيتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    ئۆتكەن تۆت يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىچكى ۋە تاشقى پايدىسىز شارائىتلار ئاستىدا قولغا كەلتۈرگەن بىر قاتار تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەسلىگەندە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئومۇميۈزلۈك: جۇڭگو ئارزۇسى بۇ مۇساپىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى دەپ ھېسابلىدى.

    كېنىيە نايروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادشۇناسلىق لېكتورى يىجيارا جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدا ئوينىغان رولىغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ تۆت يىل بۇرۇن جۇڭگو ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، بۇ ئۇقۇم ئىزچىل جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلدى.

    مىسىر مىسىر-جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مىسىرنىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىر ياردەمچىسى ئەخمەد ۋەلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئارزۇسى شۇئارلا بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگو خەلقىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئۇلۇغۋار نىشان. ئۆتكەن تۆت يىلدا، دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتىدىن ئۈمىدلىنىپ كېتىشكە بولمىغان ئەھۋالدا، جۇڭگو ئىقتىسادتا يەنىلا كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشتى.

    پاكىستان ئىسلامئاباد سىياسەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى سۇھەيىل ئەمىن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا، ئۆتكەن تۆت يىلدا جۇڭگونىڭ تۈرلۈك ئىسلاھلىرى مۇقىم قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى. مەسىلەن، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادى تەرەققىياتتا ئىجابىي تۈرتكىلىك رول ئوينىدى؛ ئاتموسفېرا، سۇ ۋە تۇپراق قاتارلىق مۇھىتنى ئاسراش مەسىلىسى كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، ئىمكانىيەتلىك، سىجىل تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ تۈرلۈك سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستى؛ يېڭىلىق يارىتىشچان باشلامچى بولغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئىجرا قىلىنىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان كەسىپنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى ۋەھاكازالار.

    چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىسىنىڭ كۈندىن كۈنگە قويۇقلىشىشى ھەمدە جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى.
    مۇھەممەد ئەلەم مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيا ئىقتىسادى تازا ياخشى بولمايۋاتقان ئەھۋالدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى يەنىلا مۇقىم بولماقتا. بۇ نەتىجە ئارقىلىق جۇڭگونىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر ھەمدە باشقا رايوندىكى ئەللەرگە پايدا ئېلىپ كەلدى.

    سۇھەيىل ئەمىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر قىسىم تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر جۇڭگودىن نۇرغۇن ياردەمگە ئېرىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىيات پاراۋۇزغا ئولتۇردى، مەسىلەن: سىرىلانكا، بېنگال ۋە بىر قىسىم ئافرىقا ئەللىرى جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ پايدىسىنى كۆردى، جۇڭگو ئۇلارغا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خەۋەرلىشىش سىستېمىسى، پورت، ئادەم كۈچى بايلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن ياردەم بەردى.

    كۇبا خەلقئارا سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىمى جوسى لۇئىس روبائىنا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو ئۆز تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنى جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىدىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھازىرغىچە، بۇ تەشەببۇس يۈزدىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، جۇڭگو بىلەن بۇ دۆلەتلەر بۇ تەشەببۇسنىڭ رامكىسىدىكى ھەمكارلىقتىن تەڭ نەپ ئالدى. ئەگەر نۇرغۇن دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن ئالغان ئەمەلىي پايدا-جۇڭگو ئارزۇسى دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن شەكىللىك مۈلۈك دېسەك، ئۇنداقتا جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ دۇنياغا قوشقان تۆھپىسى يەنە بىر مۇھىم شەكىلسىز مۈلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرى بولۇپ، باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا ئۆرنەك يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىنى يالقۇنلاتتى.

    روبائىنا مۇنداق دېدى: جۇڭگو باراۋەر ئۇسۇلدا لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا كۈچ چىقىرىپ، لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىنىڭ ئۆز ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىساد رېئاللىقىغا ئاساسەن تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تۈزۈشىگە تېرىشىپ ياردەم بېرىپ، ئۇلار بىلەن گۈللىنىش ۋە سىجىل تەرەققىياتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

    گارشون ئىكىيارا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئارزۇسى-جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭمۇ گۈزەل ئارزۇلىرى بىلەن زىچ باغلانغان. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا نۆۋەتتە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قەدەم تاشلاش ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلدى، بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇق جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە، بىر مىليارد ئافرىقىلىقمۇ 2063-يىللىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىپ كۈرەش قىلماقتا. جۇڭگو ئارزۇسى بىلەن ئافرىقا ئارزۇسى ئۆز ئارا يۇغۇرۇلغان ھەم ئۆز ئارا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىنىڭ يۆنىلىشىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ.

    كېس بېرنارد ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا، جۇڭگو ئارزۇسى دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىغا ئىلھام بەرمەكتە دېدى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى