• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت بەش تاپانچا

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:16 02-12-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى خەۋىرى: تۈۋەندە دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت بەش تاپانچا بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى.
    1. لىنكولىننى قەستىلەشكە ئىشلىتىلگەن تاپانچا
    ئابراھام لىنكولىن ئامېرىكىلىق سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، قارا تەنلىك قۇللارنى ئازاد قىلغۇچى، 16–نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى. ئۇ 1865–يىلى 14–ئاپرېل (جۈمە) ۋاشىنگىتوندىكى فوت تىياتىرخانىسىغا ئويۇن كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىنغان،بىرەيلەن ئوغرىلىقچە ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋېلىپ، بېشىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. ئۇ شۇ يەردىلا يىقىلغان. بۇ تاپانچىنى ئۇنى قەستىلىگۈچى ئۆزى ياسىغان بۇلۇپ،سېتىلىپ باقمىغان. بۇ تارىختىكى ئەڭ قىممەت تاپانچا ئىكەن.
    2. كېننىدىنى قەستىلەشكە ئىشلىتىلگەن مىلتىق
    بۇ مىلتىق تەرىخىي تەرەققىيەتىغا ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن، ئەنى چاغدا ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر كۇتۇپخانىنىڭ ئامبىرىدا بايقالغان، ئوسۋالد 1963–يىلى شۇ يەردە تۇرۇپ كېننىدىنىڭ ئاپتوموبىل كالونىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ مىلتقىنى ساقلاپ قويغان. ئوسۋالىدنىڭ ئايالى كېيىن بۇ مىلتىقنىڭ ئىشلىتىلىش ھۇقۇقىنى قورال ساقلىغۇچى يوھان كىنىگە سېتىپ بەرگەن. كىن كېيىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، مىلتىقنى قايتۇرۇپ بېرىشنى، بولمىسا بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بىرىشىنى تەلەپ قىلغان، لېكىن زاستاتېللار ئۆمىكى: ئوسۋالد ۋەقەدىن كېيىن مىلتىقىنى تاشلىۋەتكەن، مەيلى ئۇنىڭ ئايالى ياكى ساقلىغۇچى بولسۇن، ھېچقايسىسىدا ئىشلىتىش ھۇقۇقى بولمايدۇ، دەپ قارىغان. بۇ مىلتىق ھازىر مارىلاند ئىشتاتلىق دۆلەت ئارخىپىخانىسىدا ئىكەن.

    3. جورجى ۋاشىنگىتوننىڭ چوڭ كالىبىرلىق قىسقا ئىستوۋوللۇق تاپانچىسى
    جورجى ۋاشىنگىتون 1789–يىلى ئامېرىكنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان. ئ ئىشلەتكەن چوڭ كالبىرلىق قىسقا ئىستوۋوللۇق تاپانچا ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا كىمئارتۇق قىلىنىغان، ھازىر پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى بىر مۇزىيېدا ئىكەن.
    4. بولىۋارنىڭ تاپانچىسى
    لاتېن ئامېرىكىسىنىڭ ‹مۇستەقىللىق ئاتىسى› دەپ ئاتالغان بولىۋار 1830–يىلى دېكابىردا كولومبىيەدە ۋاپات بولغان. بەزىلەر ئۇنى ئۆپكە يۇبېركليۇزى بىلەن ۋاپات بولغان دېيىشسە، يەنە بەزىلەر زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن دېيىشىدىكەن. بولىۋار رەھبەرلىك قىلغان ئازادلىق ھەرىىتى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى كۆپ قىسىم رايۇنلارنى ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىن ئازاد قىلغان. ئۇنىڭ تاپانچىسى 2004–يىلى بىر مىليون 760 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا كىمئارتۇق قىلىنغان.
    5. جېس جامېسنىڭ تاپانچىسى
    ئۇ 1847–يىلى تۇغۇلغان بۇلۇپ، 1881–يىلى 3–ئاپېرىل 34 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ تاپانچىسى غەربنىڭ شۇ دەۋىردىكى ئەڭ مۇھىم بەلگىسى بولالايدىكەن. ئۇ ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىزچىل فېدېراتسىيە ئارمىيەسىگە قارشى تۇرغان. جېس جامېس قاراقچىلىق بىلەن داڭ چىقارغان، 45 كولتلۇق تاق سېيرىلغۇچلۇق تاپانچىسى بارلىق ھەرىكىتىنى ئىسپاتلىغان. بەزىلەر ئۇنى جىنايەتچى، دەيدىكەن. ئۇنىڭ تاپانچىسىغا 2013–يىلى تېكساس ئىشتاتىدىكى كىمئارتۇق بازىرىدا 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى باھا قۇيۇلغان. بۇ تاپانچىنىڭ ھازىرقى باھاسى بىر مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    • دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت بەش تاپانچا
    • دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت بەش تاپانچا
    • ئابراھام لىنكولىن ئامېرىكىلىق سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، قارا تەنلىك قۇللارنى ئازاد قىلغۇچى، 16–نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى. ئۇ 1865–يى ..
    بەخىت دوختۇر خانىسى