• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    2017-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىندى

    مەنبە : news.xinhuanet.com
    يوللانغان ۋاقىت : 11:56 02-12-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تىلگىراممىسى، جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 1- دېكابىر 2017 - يىلىدىكى قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان.
    ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلىگەن: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، 2017 -يىلىدىكى يېڭى يىل، باھار بايىمى، چوكانتال بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى كونكېرت ئورۇنلاشتۇرۇش تۆۋەندىكىچە:
    1. يېڭى يىل بايرىمىدا 1-ئاينىڭ 1-كۈنى بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 1-ئاينىڭ 2-كۈنى نورمال دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
    2. باھار بايرىمىدا 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، جەمئىي 7 كۈن دەم ئېلىش قويۇپ بېرىلىدۇ. 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋە 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى نورمال دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ نورمال خىزمەت كۈنى قىلىنىدۇ.
    3. چوكانتال بايرىمىدا 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە، جەمئىي 3 كۈن دەم ئېلىش قويۇپ بېرىلىدۇ.
    4. ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا 5-ئاينىڭ 1-كۈنى بىر كۈن بايراملىق دەم ئېلىش قويۇپ بېرىلىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدىمۇ نورمال دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
    5. تاڭزۇڭزا چاغىنىدا 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە جەمئىي 3 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
    6. تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىدا 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە جەمئىي 8 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

    ئوقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، گوۋۇيۈەندىكى ھەر قايسى مىنىستىرلىق كومىتېتلار، ھەر قايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، دىژورنىلىك ۋە بىخەتەرلىك، قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىشى، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ئۇچرىغاندا ، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ ، خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ ، خاتىرجەم بايرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى