• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مىللىي روھ مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش بۇرغىسىنى ياڭرىتايلى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئەدەبىيات–سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەل

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:15 01-12-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شى جىنپىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 10–قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 9–قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىللىي روھ مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش بۇرغىسىنى ياڭرىتايلى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئەدەبىيات–سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتايلى

    لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى


    جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 10 – قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 9 – قۇرۇلتىيى 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

    جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 10 – قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 9 – قۇرۇلتىيى 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئېچىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 10 – قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك 9 – قۇرۇلتىيى 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ تەقدىرى دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ جان تومۇرى دۆلەتنىڭ جان تومۇرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن. ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراشتا، ئىجادىي ئۆزگەرتىش، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي روھ مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش بۇرغىسىنى ياڭرىتىپ، سەنئەت غايىسىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، قەلبىگە ئادالەتنى، خەلقنى پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، قەلىمىدە دۇنيانى مەدھىيەلەپ، دەۋرنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، خەلقنىڭ كۈرىشىنى نامايان قىلىدىغان، مىللىي روھنى ئۇرغۇتىدىغان، ئېسىل پەزىلەتنى چېنىقتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    قۇرۇلتاي چۈشتىن بۇرۇن سائەت 00:10 دا باشلاندى. ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى.

    قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، بارلىق ۋەكىللەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەمىز ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم ئىشى، ئەدەبىيات – سەنئەت سېپى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم سېپى. ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىلىدە، ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يۆنىلىشىدە، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان، خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىللىي مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ناھايىتى مۇھىم تۆھپە قوشتى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدە يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى مەنزىرىلەر بارلىققا كەلدى، ئاساسىي مېلودىيە تېخىمۇ ياڭراپ، ئاكتىپ كۈچلەر تېخىمۇ كۈچىيىپ، خەلقنى مول مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى دۇنياغا نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى قوشۇنىنىڭ قەلبىگە ۋەتەننى، خەلقنى پۈكۈپ، دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، سەنئەت غايىسىگە ئىنتىلىدىغان، ئەقىل – پاراسەتكە ۋە ھېسسىياتقا باي، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئىشەنچلىك، تايىنىشقا بولىدىغان قوشۇن ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. پارتىيە ۋە خەلق سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇشقا موھتاج. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچكە تولۇشىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى يەككە – يېگانە ئىدىيە، ئەقىل – پاراسەت، جاسارەت، تەسىرچانلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ئىشەنچ ۋە ئىپتىخارلىق پەيدا قىلدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمكىلەردىن ئېشىپ چۈشۈپ، بۈگۈنكىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇلۇغ ئىش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئېگىلمەس – سۇنماس ئۇلۇغۋار روھ بولۇشقا، شۇنداقلا كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئۇلۇغ ئەسەرلەرنى يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

    شى جىنپىڭ سۆزىدە ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن كۈتىدىغان تۆت تۈرلۈك ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    بىرىنچى، كۆپچىلىكنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئارقىلىق مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. روشەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ۋە خاسلىققا ئىگە نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، تېخىمۇ يۈكسەك مەدەنىيەت ئىشەنچىگە ئىگە بولۇش كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئوزۇق ئېلىپ، ئۆز مەدەنىيەت غايىسى، مەدەنىيەت قىممىتىگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچىنى، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىي كۈچى، ئىجادىي كۈچىگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچىنى ساقلاپ، ئەسەرلىرىنى جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان مەنىۋى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، دەۋر يۈكلىگەن بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، دەۋرنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، جاسارەت بىلەن دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىشى كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىدىيەسى، ھېسسىياتى، ئېستېتىكىسىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مۇشۇ دەۋرگە خاس ھەم روشەن جۇڭگوچە ئۇسلۇبقا ئىگە نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشى كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، جانلىق ئەدەبىي تىل ۋە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق، ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرىنى مەدھىيەلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاجايىپ سالاپىتىنى تەسۋىرلەپ، ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە دۆلەت شان – شەرەپ تۇيغۇسىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

    ئىككىنچى، كۆپچىلىكنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجابىي ئەدەبىيات – سەنئەت ئارقىلىق خەلقنى مەدھىيەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خەلق تارىخنىڭ، دەۋرنىڭ ياراتقۇچىسى. بارلىق مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ سەنئەت ھاياتى خەلقنى مەنبە قىلغان، بارلىق مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتى خەلق ئۈچۈن بولىدۇ. ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى كۈچلۈك رېئالىزملىق روھ ۋە رومانتىك ھېسسىيات بىلەن، خەلقنىڭ تۇرمۇشى، تەقدىرى، ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئارزۇسى، كەيپىياتى، يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ، ئەل ئارىسىدا ئۇزاققىچە تارقىلىدىغان نادىر ئەسەر يارىتىشقا بەل باغلىشى كېرەك. قەلبىدە ئارزۇ – ئارمىنى، ئىنتىلىشى بولغان بارلىق ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى جەزمەن خەلقنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كائىناتنى چۈشىنىپ، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇشى كېرەك. باشتىن – ئاخىر خەلقنىڭ ھالىغا يېتىپ ۋە بەختىنى كۆزلەپ، خەلقنىڭ خۇشاللىقى، غەزىپى، قايغۇسى ۋە خاتىرجەملىكىنى قەلىمى ئارقىلىق ئىپادىلەپ، كۈرەشچان ھاياتنى كۈيلەپ، ئەڭ گۈزەل پېرسوناژلارنى تەسۋىرلىشى كېرەك. تۇرمۇش ماتېرىياللىرىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەت كۈچى ئارقىلىق قەلبلەرنى ئىللىتىپ، كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئويغىتىپ، كىشىلەرنى ئىدىيەۋى تونۇشى، مەدەنىيەت ساپاسى، ئېستېتىك ئۆلچىمى، ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنى ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ئۈمىدۋار روھىي ھالەت ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

    ئۈچىنچى، كۆپچىلىكنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كامالەتكە يەتكەن سەنئەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نادىر ئەسەر دۆلەت، مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش ۋە يارىتىشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، ئەدەبىيات – سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ئىجادىيەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەتكە ئۆچمەس تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو خەلقى ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى، تەرەققىيات يولى ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشۇپلا قالماي، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتتە ئىجادىي يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى دۇنياغا تەقدىم قىلىشى كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دادىل ئىزدىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ سەرخىل، مول، كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك.

    تۆتىنچى، كۆپچىلىكنىڭ سەنئەت غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەدەبىيات – سەنئەت ئارقىلىق ئىجتىمائىي كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەدەبىيات – سەنئەت روھنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان قۇرۇلۇش، ئۇ قائىدە سۆزلەش ئارقىلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان، جەزمەن ئۆزىگە خاس ئىدىيەۋى ئىلھام بىلەن، ئۈن – تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنى تەربىيەلەپ ۋە ئويغىتىپ، پەزىلەتلىك، ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قىممەت قاراشنى تارقىتىشى كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئاق كۆڭۈللۈك ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلگۈچىلەر ۋە ئۇنى تارقاتقۇچىلاردىن بولۇپ، يۈكسەك قىممەت، گۈزەل ھېسسىياتنى ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈپ، كىشىلەرنى ئالىيجاناب ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەت ئارقىلىق ئوبراز يارىتىشتا، ئىجادىيەتچى ئالدى بىلەن ئۆزىنى يارىتىشى كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئالىيجاناب ئەخلاق – پەزىلەتنى سەنئەت ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ئۆمۈرلۈك دەرس قىلىپ، ھەقىقىي قابىلىيەتلىك ھەم مەلۇماتلىق، ئەخلاق – پەزىلەتلىك، يۇقىرى ساپالىق بولۇشقا تىرىشىپ ئىنتىلىپ، ئەخلاق – پەزىلەت ۋە بەدىئىيلىكتە كامالەتكە يېتىپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى، ئىجتىمائىي كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن ئەخلاقلىق، مەلۇماتلىق بولۇش ئارقىلىق ئۆزلۈكنى قولغا كەلتۈرۈپ، قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە رىشتە بولۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. يېڭى ۋەزىيەتتە ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېتەكچىلىك، ئالاقە، ئىقتىدار، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت سېپىدىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئامما ئارىسىدىكى يوشۇرۇن ئىجادىيەت كۈچىنى قېزىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىشتەك گۈللەنگەن مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەت قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ئۇسۇل ئارقىلىق ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىلىم دېموكراتىيەسى ۋە سەنئەت دېموكراتىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. سىياسىي جەھەتتە تولۇق ئىشىنىپ، ئىدىيە جەھەتتە پائال يېتەكلەپ، خىزمەتتە شارائىت يارىتىپ، تۇرمۇشتا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىختىساسلىقلار، قابىللار چىقىشقا پايدىلىق ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىشى كېرەك. سەنئەت مائارىپىغا ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ سەنئەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. (‹‹سۆز››نىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلىدۇ)

    جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سۈن جياجېڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 – شۇجىسى چىن يىجى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ ياڭ تەبرىك سۆزى قىلدى. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تيې نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتتىكى ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، تەيۋەن رايونىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللىرى ۋە چەت ئەللەردىكى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مېھمانلاردىن 3300چە كىشى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى