• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئەسكەر قۇبۇل قىلىش تەدبىرلىرى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:35 21-11-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى خەۋىرى: ياشلارنى ھەربىي سەپكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى ئەل ئارمىيە دائىرلىرى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەزمۇنى ھەر خىل ئەسكەر ىۇبۇل قىلىش ئېلانى تارقىتىدۇ.

    ئامېرىكا ياشلارنى ئويۇن ئارقىلىق جەلىپ قىلىدۇ.
    گەرچە ئامېرىكا ھەربىي ساھەدە كۈچلۈك دۆلەت بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئەسكەر قوبول قىلمىقى تەسلىشىپ كەتتى. شۇڭا ئامېرىكا ئارمىيە دائىرلىرى تۈرلۈك ئەسكەر قوبول قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، يەنى ئالدى بىلەن تەشۋىقات ۋەرەقلىرىنى تارقاتتى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90–يىللىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكا ھەر يىلى ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىلانىغا خەجلىگەن پۇلى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى، ئۇلار ھەربىيي ۋەزىپە ئۆتەشكە ماس كىلىدىغان ياشلارغا ھەر يىلىغا تەخمىنەن 20 مىليون تەشۋىقات ۋەرەقىچسى ۋە ژۇرنال ئەۋەتىشتېن سىرت، ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئاۋامنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇنداقلا ھەربىي سەپكە قاتنىشىش يېشىغا تولغانلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى، گېزىت ۋە تور ئارقىلىق ياشلارنى ھەربىي گازارمىلارغا برىپ، « ھەربىي تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرۈش پائالىيىتى » گە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، بەزىلىرىنىڭ گازارمىدا بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇپ، «F-15» بەلگىلىك جەڭ ئايروپىلانىنى ھەيدەشنى ئۆگەتتى.
    بۇنىڭدىن باشقا ، بەزى ھەربىي مەكتەپلەر « ئامېرىكا ئارمىيەسى» ناملىق بىر ئۇيۇن تۈرىنى يولغا قويدى، بۇ ئويۇنغا قاتناشقانلارنى ھەر خىل ھەربىي مەشىققە قاتناشتۇردى ياكى ھەر قايسى جەڭ مەيدانلىرىغا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئەۋەتتى. ئامېرىكا ھەتتا دۆلەت تەۋەلىكنى كوزىر قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىگگ كىرىشنى ئارزۇ قىلدىغان كۆچمەنلەرنى جەلىپ قىلىشقا تىرىشتى ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيەسىگە قاتناشسا، ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتۈش شەرتلىرىنى تۆۋەنلىتىشكە ۋەدە قىلدى، ھەتتا ئامېرىكىدا قىسقا ۋاقىت تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بارلارنىمۇ ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىپ، ئارمىيەنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى تولۇقلىدى.
    روسيە ئەسكەر بولغان ياشلاردىن سەمىرىشنى تەلەپ قىلدى.
    رۇسيەدە ئورۇق بولۇش رۇسيە ياشلىرىنىڭ ئارزۇسى بۇلۇپ قالغاچقا، يىگىتلەر بەكلە ئۇرۇق، شۇڭا رۇسيە ئارمىيەسىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى بىۋاستە تەسىتىگە ئۇچرىدى. بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، رۇسيە ئارمىيەسى ھەر قايسى جايلاردا « سەمىرىش مەركىزى» نى قۇردى، ھۆكۈمەت بۇ خىل سەمىرىتىش ئورۇنلىرىغا يىلدا 600 مىڭ رۇبلىدىن ئارتۇق خىراجەت بىرىپ، يېڭىدىن ھەربىي سەپكە قوبۇل قىلىنغان ھەددىدىن زىيادە ئورۇق ئەسكەرلەرنى سەمىرىتىتى.
    2006–يىلى نويابىردا رۇسيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى موسكۇۋادا تۇنجى قېتىم « قالتىس يىگىت» موسابىقىسىنى ئۈتكۈزدى، يېڭىپ چىققانلارغا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ھەر قايسى ھەربىي رايۇن، قىسىم، دېڭىز ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى، دۇما ئەزالىرى ۋە موسكۇۋا شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇكاپات بەردى. شۇنڭدىن كېيىن، رۇسيەدىكى ھەر قايسى ئارمىيە تۈرلىرى ئارىسىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىش دۇلقۇنى يۇقىرى پەللىگە چىقتى.
    ياپۇنىيە قىزلارنى ئىشقا سالدى.

    «تىنچلىق شەرتنامىسى» نىڭ چەكلىمىسىگە ئوچرىغاچقا، ياپونىيە قوغدىنىش قىسىمى يېڭى ئەسكەر قوبۇل قىلىشتا دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوىشىمايدىغان چارە قوللانغان بولۇپ، پەقەت ياپۇنىيە دۆلەت تەۋەلىكى بار، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش يېشىغا كەلگەن، ھېچقانداق چارە كۈرۈلمىگىنىگە ئىككى يىل بولغان، پارتىيە، ھۆكۈمەتكە قارشى ھېچقانداق تەشكىلاتقا قاتناشمىغانلارنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىشغا يول قويغان، ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بويان، بوۋاق تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن ياشلار قوغدىنىش قىسمىغا كىرىپ، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەشىنى خالىمايدىغان بۇلۇپ قالغان، شۇڭا ياپۇنىيە قوغدىنىش ئەترىتى ئەسكەر قۇبۇل قىلىشتىكى يېڭى چارىلەرنى ئىجرا قىلىپ، ياشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن چىرايلىق، ياش بەش قىزدىن تەشكىللەنگەن «MORNING MUSUMI» ناخشىچىلار توپىنىڭ رەسىمىنى ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئېلاننىڭ باش تەرىپىگە چۈشۈرۈپ، ئاستى تەرىپىگە ئەسكەرلىككە قوبول قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. قوغدىنىش قىسمنىڭ يېڭى ئەسكەر قوبول قىلىشقا مەسئول خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق قىلغاندا قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ بۇرۇنقى كەسكىن، سوغوققان ئوبرازنى ئۆزگەرتىپ، ياشلارنىڭ قىزىقىش دائىرىسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، تىخىمۇ كۆپ ياشنى ھەربىي سەپكە قاتنىشىشقا جەلىپ قىلغىلى بولىدىكەن.
    ئاۋىسترالىيەدە باشقىچە ئوسۇل قوللىنىدۇ.
    ئاۋىسترالىيەدە ھەر يىلى تەخمىنەن 34 مىڭ ئوقۇغۇچى 12 يىللىق مەكتەپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەمىلكەتنىڭ ھەر قايسى قايلىرىنى ئارىلاپ ساياھەت قىلىدۇ ياكى ھەر خىل ئەمگەك، خىزمەتكە پىدائىي بۇلۇپ قاتنىشىدۇ. ھەبىي سەپكە ئەسكەر قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ ئورۇندالماسلىق مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاۋىسترالىيە دۆلەت مۇداپىىئە مىنىسىتىرلىقى ھەربىي سەپكە قاتنىششنى خالايدىغانلار ئالدى بىلەن بىر يىل ۋەزىپە ئۆتەپ سىناش، داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەشىنى خالىسا، تۆت يىل ۋەزىپە ئۆتەش كىلىشىمى ئىمزالاشىنى بەلگىلىدى. ئاۋىستېرالىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: بۇ خىل سىناق تەرىقىسىدە ئەسكەرلىككە قاتنىشىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش يەرلىك ئورۇندىكى شۇ يىلى تولۇق ئۇتتۇرىنى پۈتكۈزدىغان نەچچە 10 مىڭ ئوقۇغۇچىنى ئاساسى نىشان قىلغان، ئاۋسىترالىيەمۇ 2008–يىلدىن باشلاپ، مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئەسكەر قۇبۇل قىلىشنى رەسمىي ئىقرا قىلدى دېگەن.
    ئىسرائىلىيە «ھىيلە» ئىشلەتتى.
    ئىسرائىلىيەدە ئەسكەر بۇلۇش ئوڭاي ئىش ئەمەس، نۇرغۇن ئادەم قوراللىق كۈچلەرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن قۇرقۇپ، ھەربىي سەپكە قاتنىشىشنى خالىمايدۇ. ياشلارنى ئەسكەر بولوشقا رىقبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى « سەتەڭلەر ھىيلىسى» نى يولغا قۇيۇپ،
    ئىسرائىلىيە خانقىزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىق مودېل، ياش ھەم چىرايلىق قىزلارنى ھەر قايسى ئەسكەر قوبول قىلىش نۇقتىلىرىغا ئەۋەتىپ، ئەسكەر قوبۇل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئېلانلارنى تارقاتقۇزغان. بۇمۇ ئىسرائىلىيەدىكى ئەسكەرلىككە جەلىپ قىلدىغان يېڭى ئۇسۇلغا ئايلانغان.
    ئەنگىلىيەدە « دوستلارنىڭ ساتقىنلىق قىلىش» تىن ھەزەر ئەيلىمەي بولمايدۇ.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنگىلىيەدە ئەسكەر قۇبۇل قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولمىغاچقا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ھەر قانداق ئادەم ياشلارنى ھەربىي سەپكە قاتنىشىشقا قايىل قىلالىسا،500 ڧونىد بىلەن مۇكاپاتلاش چارىسىنى يولغاقۇيۇپ ، بىر قەدەر ئىغىر ئەسكەر قۇبۇل قىلىش جىددىيچىلىكنى پەسەيتمەكچى بولغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار تۈرمىدىن، يەنى ياش –ئۈسمۈرلەرنى تەربىيەلەش ئورنىدىن يېنىك، ئادەتتىكى جىنايەت سادىر قىلغانلارنى تاللاپ ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلغان، ئەمما ئېرقى كەمسىتىش، جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە زەھەر سېتىشتەك جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلارنى قوبۇل قىلمىغان.
    گېرمانىيەدە ھەربىي گازارمىلاردا ياشلارنى ئورۇقلىتىش ئورۇنلىرى تەسىس قىلدى.
    يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەپ،كۆپىنچىسى سەمىرىپ كەتكەن. ئىستاستىكىغا قارىغاندا، گىرمانىيە ئارمىيەسىدىكى ئوڧىستېر– ئەسكەرلەرنىڭ يېشى قىرىقتىن ئاشقاندىن كېيىن، بەدەن ئىغىرلىقى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەسكەرلەرنىڭ %10ى سىمىزلىك ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان. ئوڧىستىر– ئەسكەرلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە سەمىرىپ كېتىشىگە ئۆلچەملىك خىزمەت تۈزۈمى، خىزمەت ۋە باشقا ۋاقتنى ئىختىيارىي ئورۇنلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئىش ھەققى، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مۇھىتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە راھەت بۇلۇشى قاتارلىقلار بىۋاستە سەۋەبىي بۇلۇپ قالغان. گېرمانىيە قوماندانلىق ئىشتابىي قورساق سېلىپ كەتكەن ئەسكەرلەرگە ئورۇقلاش تەلىپىنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپ، چېنىقىش لاگېرى ئېچىپ، پىلان تۈزۈپ، مەجبۇرىي ھالدا ئورۇقلاتقۇزغان ھەمدە بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئىشىپ كەتكەن ئەسكەرلەرنى بىر يەرگگ يىغىپ، ئۈچ ھەپتىلىك ھەربىي مەشىققە ھەمدە ھەر خىل تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگگ قاتناشتۇرغان. بەدەن ساپاسى ياخشى ئەسكەرلەرنى قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن گېرمانىيە ئارمىيەسى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، سېمىز ھەم بەدەن ئىغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئىشىپ كەتكەن، سالامەتلىكى ناچارلارنى بىردەك ھەربىي سەپكە قۇبۇل قىلمىغان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى