• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    دۇنيادىكى جەڭ قىلىشقا ئەڭ يامان تۆت كىچىك دۆلەت

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 15:16 17-11-2016
    تەھرىر : زۇھرە
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى: گەرچە كىچىك دۆلەت بولسىمۇ، سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، ھەتتا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ئۇلارنى يېڭەلمىگەن.

    فىنلاندىيە- فىنلاندىيە تىلغا ئېلىنسىلا، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا گۈزەل نۇرلۇق مەنزىرە كېلىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، فىنلاندىيەنىڭ مەرگەنلىرى گۈزەل مەنزىرىسىگە ئوخشاشلا ناھايتى داڭلىق. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فىنلاندىيە مەرگەن ئارمىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىكىگە كاپالەتلىك قىلغان.

    شۋېيتسارىيە- شىۋېيتسارىيە ياۋرۇپادىكى ئەڭ ئۆزگىچە بولغان بىر كىچىك دۆلەت، گەرچە ئۇ كىچىك بولسىمۇ، ياۋروپا تارىخىدا شۋېتسارىيەنىڭ زىيان تارتقان ۋاقتى يوق ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۋېيتسارىيەدىكى جەسۇر خەلق قەھرىمانلىرىغا مەنسۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قارىغا ئېتىشنى بىلىدىغان بۇلۇپ، شۋېيتسارىيە بىر ھەربىي دۆلەت دېيىشكە بولىدۇ.

    ئافغانىستان-« ئىمپېرىيە گۆرىستان›نى دەپ ئاتالغان ئافغانىستان ئەمەلىيەتتە ئۇرۇش قىلىشتا نامى چىققان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەت. ئافغانىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۆت كوچا ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە.
    شۇڭا ئۇ نۇرغۇن چوڭ دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، بىراق ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنىلا يەر شەكلى ئەۋزەللىكىگە تاينىپ ، ئۇ دۆلەتلەرنى يېقىن يولاتمىغان.

    ۋيېتنام- ۋېيتنام ھەربىيلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ۋيېتنام پارتىزان ئۇرۇشى ۋە تاغلىق رايونلاردا جەڭ قىلىشقا ئىنتايىن ئۇستا بولغان ھەربىيلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەنە ئورمانلىقمۇ تەبىئىي مۇھاپىزەت قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ خىل ئەۋزەللىككە ئاساسەن ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىلگىرى ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇن جاپالارنى تارتقان

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى