• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    خەلقنىڭ سايلام ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، سايلام خىزمىتىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:27 16-11-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى رايونلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىدا ئاۋاز بەرگەندە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى:

    خەلقنىڭ سايلام ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، سايلام خىزمىتىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

    لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ ئۆزىنىڭ سايلام رايونىدا ئاۋاز بېرىشكە قاتناشتى ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئاۋاز بەردى



    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى. 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدىكى رايونلار ۋە يېزا - بازارلاردىكى ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىغا ئاۋاز بېرىدىغان كۈن. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىچېڭ رايونىنىڭ جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خۈەيرېنتاڭ ئاۋاز بېرىش پونكىتىدا رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلىمىغا قاتنىشىپ ئاۋاز بەرگەندە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى ناھىيە - يېزىلاردىكى ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. سايلام خىزمىتىدە پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىپ، خەلقنىڭ سايلام ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سايلام خىزمىتى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قائىدە - تۈزۈم، ئىنتىزام ۋە قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرگە ھەرگىز يول قويماي، سايلام خىزمىتىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

      خۈەيرېنتاڭ ئاۋاز بېرىش پونكىتىدا بەشيۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقلار كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى، دۆلەت گېربى نەقىشلەنگەن قىزىل رەڭلىك ئاۋاز بېرىش ساندۇقى دەل ئوتتۇرىغا قويۇلغان، نەق مەيدان ھەيۋەتلىك بولۇپ، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن ئىدى. بۇ سايلام رايونىدىكى 1200دىن ئارتۇق سايلىغۇچى بۇ يەرگە كېلىپ ئاۋاز بېرىشكە قاتناشتى.

      چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن ئاشقاندا شى جىنپىڭ خۈەيرېنتاڭ ئاۋاز بېرىش پونكىتىغا كېلىپ، ئاۋاز بېرىش پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سايلام ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشنى تەپسىلىي ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ سايلام گۇۋاھنامىسىنى خىزمەتچىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگە بېرىپ، بىر پارچە سايلام بېلىتى ئالدى. ئۇ ئاۋاز بېرىدىغان جايدا سايلام بېلىتىنى ئەستايىدىل تولدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى ئاۋاز بېرىش ساندۇقىغا تاشلىدى.

      ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شىچېڭ رايونىنىڭ ۋېنجىن كوچىسى سايلام رايونىدىكى زىگۇاڭگې ئاۋاز بېرىش پونكىتىدا ئاۋاز بەردى.

      ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ شىچېڭ رايونىنىڭ جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى «خەلق» سارىيى ئاۋاز بېرىش پونكىتىدا ئاۋاز بەردى.

      ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ شىچېڭ رايونىنىڭ پۇل مۇئامىلە كوچىسى 2 - سايلام رايونىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ئاۋاز بېرىش پونكىتىدا ئاۋاز بەردى.

      ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن شىچېڭ رايونىنىڭ جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خۈەيرېنتاڭ ئاۋاز بېرىش پونكىتىدا ئاۋاز بەردى.

      ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن شىچېڭ رايونىنىڭ داجۆ سايلام رايونىدىكى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى ئاۋاز بېرىش پونكىتىدا ئاۋاز بەردى.

      ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى شىچېڭ رايونىنىڭ ۋېنجىن كوچىسى سايلام رايونىدىكى زىگۇاڭگې ئاۋاز بېرىش پونكىتىدا ئاۋاز بەردى.

      جياڭ زېمىن بىلەن خۇ جىنتاۋ خىزمەتچىلەرگە ھاۋالە قىلىپ، شىچېڭ رايونىنىڭ جۇڭنەنخەي سايلام رايونىدىكى خۈەيرېنتاڭ ئاۋاز بېرىش پونكىتىدا ئاۋاز بەردى.

      ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن يولداشلار ئۆزلىرىنىڭ سايلام رايونىدا ئاۋاز بەردى ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئاۋاز بەردى.

      11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدە 12 مىڭ 270 ئاۋاز بېرىش پونكىتى تەسىس قىلىنىپ، تەخمىنەن 9 مىليون سايلىغۇچى ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىدۇ، ئارتۇق نامزات سايلاش ئارقىلىق يېڭى نۆۋەتلىك رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن 4373ى، يېزا - بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىدىن 9946سى سايلاپ چىقىلىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى