• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    زېھنىمىزنى غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ ئوبرازنى قايتا تىكلەشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان ئارقا

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:24 11-11-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتى يىغىنىدا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

    زېھنىمىزنى غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ ئوبرازنى قايتا تىكلەشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان ئارقا سەپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك



    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زېھنىمىزنى غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىپنى ئۆزگەرتىپ ئوبرازنى قايتا تىكلەشنى تېزلىتىپ، ئارقا سەپنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان ئارقا سەپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

    پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ ئارمىيەنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 2013 – يىلى 11 – ئايدا پۈتۈن ئارمىيە بويىچە ھەربىي كۈرەش ئارقا سەپ تەييارلىق خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. بۇ يىل 9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت قىسىمى قۇرۇلۇش يىغىنىدا ۋۇخەندىكى بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت بازىسى ۋە بەش بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت مەركىزىگە ھەربىي بايراق بەردى ھەم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ھەر قېتىم قىسىملارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ليەندۈيلەرنىڭ ياتاقلىرى، ئاشخانىلىرى، قاراۋۇلخانىلىرىغا كىرىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ، تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامنى غەم – ئەندىشىدىن خالاس قىلىدىغان، كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان، ھەربىيلەرنىڭ كۆڭلىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشنى تەكىتلىدى.

    11 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 30:9 ئەتراپىدا شى جىنپىڭ ‹‹جىڭشى›› مېھمانسارىيىغا كەلدى، قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئارقا سەپ خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئۇ يەنە پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئارقا سەپ قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىگە دائىر مەخسۇس فىلىمنى كۆردى. كېيىن شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

    شى جىنپىڭ سۆزىدە ئارمىيەمىزنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئارمىيەمىز ئارقا سەپ خىزمىتىنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەر قايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە قوشقان مۇھىم تۆھپىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئارقا سەپنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك. خەلقئارا ھەربىي رىقابەت ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇشقا، دۆلەت مەنپەئىتىدە ۋە قىسىمنىڭ بۇرچ – ۋەزىپىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئارقا سەپ قۇرۇلۇشى بارغانسېرى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ۋە مەغلۇپ بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى، بارغانسېرى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى. دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش جەريانىدىكى بۇرچى ئېغىرلىدى، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدىكى ئورنى مۇھىم بولدى. دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئارمىيەنى قۇرۇش ئۈچۈن، ئارقا سەپ قۇرۇلۇشى جەزمەن يېتىشىپ مېڭىشى، ھالقىما تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى شەرت. ئارقا سەپتىكى بارلىق يولداشلار چوقۇم ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، بۇرچنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارقا سەپ قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەممىسى ئۇرۇش قىلىش دەيدىغان ئارقا سەپنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئۇرۇش قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تۈپ يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئارقا سەپ كاپالەت مېخانىزمنى تەتقىق قىلىش، ئارقا سەپ نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئارقا سەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت لايىھەسى ھەم پىلانلىرىنى تۈزۈش، ئارقا سەپ كاپالەت كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشنى چەكلەپ تۇرىدىغان مۇھىم، قىيىن مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە قوماندانلار ئارقا سەپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، ئارقا سەپنى ئۇرۇش تەلىپى بويىچە قۇرۇپ چىقىشى، ئارقا سەپتىن پايدىلىنىشى كېرەك. ئارقا سەپ ئىسلاھاتىنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئارقا سەپ كۈچىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، ئارقا سەپ سىياسىتى، تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئارمىيەمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، زامانىۋى ئارمىيە قۇرۇلۇش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئارقا سەپ تەشكىلات ئەندىزىسى، تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇمىسى، ھەرىكەت ئۇسۇلىنى تېزدىن بەرپا قىلىشى كېرەك. ئارقا سەپنى ئىلمىي باشقۇرۇشنى تىرىشىپ كۈچەيتىش، ئارمىيەنى تىرىشچان ۋە ئىقتىسادچىللىق بىلەن قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مالىيە كۈچى بايلىقىنى مەركەزلىك بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئارمىيەنىڭ مۈلۈكلىرىنى بىر تۇتاش سەپلەپ ئىشلىتىشنى كۈچەيتىش، ئىلمىي ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئارقا سەپتە ئارمىيە بىلەن خەلق بىرلىشىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاساسىي يولىغا تايىنىپ، يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئېھتىياجى بىرلەشتۈرۈلگەن بىر تۈركۈم يېڭى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشلىرىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئارمىيە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئارقا سەپ خىزمىتىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تۈپ مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىي روھىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇنىڭ زەھىرى ۋە تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك تولۇق تازىلاپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا سىياسىي ئىنتىزام ۋە قائىدىگە قاتتىق بويسۇنۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيلىق ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇش كېرەك. تەشكىلاتلارنى تۇتۇپ، تۈزۈمنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئارقا سەپ خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىستىلنى تۇتۇپ، خىيانەتچىلەر ۋە چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئارقا سەپ خادىملىرى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارغا ئومۇم بىلەن شەخىسنى ئېنىق ئايرىش، ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولۇپ پاك ئادەم بولۇش، پاكىز ئىش قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك. قوشۇننى تۇتۇپ، ساپانى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى توغرا تاللاپ ياخشى ئىشلىتىپ، يۇقىرى ساپالىق يېڭىچە ئارقا سەپ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئارقا سەپنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ۋە ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىن ياردەم بېرىش كېرەك.

    شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تارىخىي مۇساپىسىدە ئارقا سەپتىكى يولداشلار چوقۇم ئۇدا كۈرەش قىلىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتىدە يېڭى سەھىپە يارىتالايدۇ.

    يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فەن چاڭلۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئارقا سەپ ساھەسىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىسى چوڭقۇر شەرھلەنگەن بولۇپ، ئارقا سەپ قۇرۇلۇشىدا ھالقىما تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلدى. پۈتۈن ئارمىيە يادرونى قوغداش، پارتىيە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەدبىر، يوليورۇقلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇرۇش قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش تۈپ يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم ئىگىلەپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كاپالەتلىك قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئارقا سەپتە يېڭى قىياپەت، يېڭى ئوبراز تىكلەش كېرەك.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئارقا سەپ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار نېگىزلىك، يۆنىلىشلىك، ئومۇمىيلىققا ياتىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلىنىپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئارقا سەپ قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىپ بېرىلدى. پۈتۈن ئارمىيە يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادروغا ئەگىشىپ، قۇدرەتلىك زامانىۋىلاشقان ئارقا سەپ قۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، ئارقا سەپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، ئوبرازنى قايتا تىكلەشنى تېزلىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئارمىيەمىزنىڭ ئارقا سەپ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

    مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى چاڭ ۋەنچۈەن، فاڭ فېڭخۈي، جاڭ ياڭ، جاۋ كېشى، جاڭ يۇشيا، ۋۇ شېڭلى، ما شياۋتيەن، ۋېي فېڭخېلار مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

    يىغىنغا ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى تارماقلار، چوڭ ئورۇنلار، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت قىسمى، ھەربىي كومىتېت ئارقا سەپ كاپالەت بۆلۈمىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە مۇناسىۋەتلىك مەكتەپ – ئىنستىتۇتلارنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى