• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شى جىنپىڭ بېلگىيە باش ۋەزىرى ۋە فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:55 01-11-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيىدا بېلگىيە باش ۋەزىرى مىچېل بىلەن كۆرۈشتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيىدا بېلگىيە باش ۋەزىرى مىچېل بىلەن كۆرۈشتى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن بېلگىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆتمۈشنى يەكۈنلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو – بېلگىيەنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ئەتراپلىق دوستلۇق – ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن بېلگىيە سەمىمىي دوستلۇقنى ئاساس قىلىپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئتى ۋە چوڭ – چوڭ ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ.

    ئىككى تەرەپ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسى چوڭقۇر، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپى، يېڭى ئېنېرگىيە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋە يۇقىرى ئاشۇرما قىممىتىگە ئىگە يېڭىچە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىقاتنى كۈچەيتىشى كېرەك. بېلگىيەنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى يارىتىپ بەرگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو – ياۋروپا، ئاسىيا – ياۋروپا مال ئوبوروت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ھەم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بېلگىيەنىڭ ئاسىيا سېلىنما بانكىسىغا ئەزا بولۇش ئاكتىپ ئارزۇسىدىن زوقلىنىدۇ ھەم ئۇنى ئالقىشلايدۇ، بېلگىيەنىڭ ئاسىيا سېلىنما بانكىسىغا بالدۇرراق ئەزا بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ، بېلگىيەنىڭ ئاسىيا – ياۋروپا دېڭىز – قۇرۇقلۇق بىرلەشمە چوڭ يولى ۋە پان ياۋروپا تۆمۈريول تورى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا پائال قاتنىشىشىنى ئالقىشلايدۇ. ئىككى تەرەپ ئېچىۋېتىش ۋە ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئاساس قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن بېلگىيە ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا سودا سىستېمىسىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىغا باشتىن – ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە ئەھمىيەت بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قەتئىي قوللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بېلگىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ‹‹جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش كېلىشىمنامىسى››نىڭ 15 – ماددىسىدىكى مەجبۇرىيىتىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

    مىچېل مۇنداق دېدى: بېلگىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 45 يىل بولغان پەيتتە جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2014 – يىلى بېلگىيەگە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ھەم پادىشاھ فىلىپنىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. بېلگىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد – سودا، مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ جانلىنىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ خۇش بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەدلىيە، مەبلەغ سېلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋىياتسىيە، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، ئۇل ئەسلىھە جەھەتتە ھەم ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسىدا ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. بېلگىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئىجابىي مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىپ، بىر – بىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان ياۋروپا – جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.



    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيىدا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئايرائۇلت بىلەن كۆرۈشتى

    شىنخۇا ئاگنېتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 31-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ‹‹خەلق›› سارىيىدا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئايرائۇلت بىلەن كۆرۈشتى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن ئايدا مەن زۇڭتۇڭ ئوللاند بىلەن خاڭجۇدا ناھايىتى ياخشى سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا يېڭىدىن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا قوللاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاساسىي پىرىنسىپقا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئەنگلىيە خىنكلېي تۇمشۇقى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق چوڭ، مۇھىم تۈرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، مەنپەئەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۆپەيتىپ، يەرلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خادىملار ئارىسىدىكى بېرىش – كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە تونۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئىشلاردا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹پارىژ كېلىشىمى›› ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات مەسىلىسى ۋە قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىغا باشتىن – ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە ئەھمىيەت بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى، جۇڭگو – ياۋروپا تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. بىز فىرانسىيەنىڭ بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. فىرانسىيەنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ئايرائۇلت مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى ‹‹پارىژ كېلىشىمى››نى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلىشى تولىمۇ مۇھىم. فىرانسىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى پائال قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد – سودا، مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، خىنكلېي تۇمشۇقى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق چوڭ تۈرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەھىيە – ساقلىق ساقلاش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق جەھەتتە ئىزدىنىپ، مائارىپ، كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىجتىمائىي ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ. فىرانسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ داۋاملىق جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك ھەمراھى بولۇشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى