• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ش ئا ئە ت رۇسىيەنى چەكلەش ئۈچۈن شەرقىي ياۋروپاغا زور كۆلەملىك قوشۇن يىغماقتا

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:14 27-10-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئۇنىۋېرسال چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنى چەكلەش ئۈچۈن شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەنگىلىيە رومىنىيەگە ھەربىي ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئيېتقان، ئامېرىكا پولشاغا ھەربىي قىسىم ۋە تانكا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.26-ئۆكتەبر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بريۇسسىلدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئاچتى، يىغىندا گېرمانىيە، كانادا ۋە ش ئا ئە ت گە ئەزا باشقا دۆلەتلەر ھەربىي قىسىم ئاجىرتىشقا ۋەدە بەردى. بۇ سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە زور كۆلەمدە ئەسكەر توپلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۇ پىلاننىڭ بىر قىسىم سۈپىتىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پولشاغا 900 كىشىلىك تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىمى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىمغا تانكا ۋە باشقا ئېغىر تىپلىق قوراللار سەپلىنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ھەر ۋاقىت شەرقىي ياۋروپادىكى ھەر قانداق رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى