• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    غالجىرلىق كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:28 20-10-2016
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    غالجىرلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقۇرى، ئەگەر ئادەم غالجىرلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپلا قالسا ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى%100 بولىدۇ. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى:« بىز 2004-يىلى ۋە 2011-يىلى غالجىرلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىككى ئاغرىقنى يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، يەنى ئاغرىقنى ھۇشسىزلاندۇرۇپ داۋالىغان؛ بىز ئاۋۋال ئاغرىقنى دورا بىلەن ھوشسىزلاندۇرۇپ، كېيىن ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت تەسىرىنى غىدىقلاش ئارقىلىق، غالجىرلىق كېسىلى ۋىروسىنى ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىغان. بىراق بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتا بارلىقى بايقالدى».
    مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى:«گەرچە ھازىرغا قەدەر غالجىرلىق كېسىلىنى داۋالاشتا بۆسۈش بولمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە كونترول قىلغىلى بولىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئەگەر ھايۋان چىشلىۋالغان، تاتىلاپ يارا قىلىۋېتىلگەندىن كېيىن توغرا بىر تەرەپ قىلىنىپ ئىممۇنىتېتلانسا، غالجىرلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىسبىتى %100 گە يەتكۈزگىلى بولىدىكەن».
    «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى