• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھىندىستان جۇڭگو بىلە بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:04 11-10-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ھىندىستان داۋاملىق ئاستا، مۇقىم قەدەمدە جۇڭگو بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ھىندىستان بىلەن جۇڭگو ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى بويىدىكى لادىكا ۋە شىجىن رايونىدا بىر مەيدان بىرلەشمە جەڭ ماھارىتى مانېۋىرى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ماھاراشتىرا شىتاتىنىڭ پۇنا رايونى ئەتراپىدىكى ئوئىنتىدا يەنە بىر مەيدان «قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش» ناملىق ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى ئۆتكۈزىدۇ.خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك چوڭ دائىمىي قوشۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ «قول تۇتىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش» ناملىق مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزىشىدىكى مۇھىم تەدبىر.ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان 6- قېتىملىق مانېۋىرغا ئازادلىق ئارمىيە 170 تىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتىدىكەن، بۇ ئەسكەرلەر مەرگەن مىلتىقى، ئوت پۈركۈش قورالى، بۇلۇڭغا ئوق ئۈزۈش سىستېمىسى ۋە لازېر نۇرلۇق قارغۇ قىلىش قۇرۇلمىسى قاتارلىق قورال-ئەسلىھەلەر بىلەن قوراللىنىدىكەن، ئۇلار ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرى ئېلىپ بارىدىكەن، ھىندىستان ئەسكەرلىرىگە ئۇلار ئىشلىتىدىغان كەسپىي قوراللار سەپلەپ بېرىلىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى