• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قورۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى ئەسكەر كۆپەيتىدىكەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:41 30-09-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 9- ئاينىڭ 28- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇش سۈپىتىدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قورۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى نۆۋەتتە ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئىلتىماس قىلغان.ئامېرىكا 2010- يىلى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك ھەربىي ئىشلار قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە بايقىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قورۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنىڭ ئارزۇدىكى كۆلىمى تەخمىنەن 186 مىڭ 800 ئادەم ئىكەن، ئەمما ھازىر ئادەم سانى ئامېرىكا ئارزۇ قىلغان كۆلەمدىن سەل تۆۋەن بولۇپ، 182 مىڭ ئىكەن. ئەمما دېڭىز ئارمىيەسى قورۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى ئۇرۇش تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ قوماندانى گېنېرال روبېت ۋاس ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قورۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنىڭ يەنە 8 مىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىپ، قىسىمىنىڭ كۆلىمىنى 190 مىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قورۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: قىسىمنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش بىر تەرەپتىن قىسىمنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قىسىمنى ھازىرقى زامانىۋى جەڭ مەيدانىغا ماسلىشالايدىغان قىلىشنى مەقسەت قىلغان، شۇنىڭ بىلە بىر ۋاقىتتا بۇنداق بولغاندا نۆۋەتلىشىپ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ، قىسىمنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە يۆتكىگىلى بولىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى