• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    قول تۇتۇشۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق روياپقا چىقىرايلى، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى ئورتاق گۈللەندۈرەيلى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:34 30-09-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى چېن چۈەنگو 28- سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تاشبۇلاق ئارقا كوچا مەھەللىسىدىكى ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. (مۇخبىرىمىز لۇ مىنيى فوتوسى)

    ياۋ تۇڭ خەۋىرى: دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بايرىمىنى قۇتلۇقلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

      قىپقىزىل دۆلەت بايرىقى مەيىن شامالدا لەپىلدەيتتى، چوڭ قىزىل پانۇسلار ئېسىلغانىدى، دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەممە يېرى ئىناقلىققا، بايرام شادلىقىغا چۆمگەنىدى. چېن چۈەنگو باشتا تاشبۇلاق ئارقا كوچا مەھەللىسىگە بېرىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مۇقىملىق ساقلاش مۇلازىمەت مەركىزىگە، بىر كۆزنەكتە مۇلازىمەت قىلىش زالىغا كىرىپ، مەھەللە ئامانلىقى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاھالە كومىتېتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە بەلبېغى بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مۇلازىمەت تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ مۇستەھكەم پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

      ئاھالە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تونۇشتۇرۇپ: ئارقا كوچا مەھەللىسى ئىلگىرى شەھەر بويىچە داڭقى بار مەينەت، قالايمىقان، ناچار مەھەللە ئىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئارقا كوچا مەھەللىسىدىكى كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتتى، ئاھالىلەر بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، پار ۋە تەبىئىي گاز ئىشلىتىدىغان بولدى، تۇرمۇش سۈپىتى ۋە تۇرمۇش شارائىتىدا ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىش بولدى، ئاھالىلەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى، دېدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، بىز ئۈچۈن بىر قاتار ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويدى. پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

      ئىككى بوۋاي مەھەللە قىرائەتخانىسىدا كىتاب ئوقۇۋاتاتتى، چېن چۈەنگو ئۇلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى، تەن سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تىلىدى. ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش كوچىسىدا، چېن چۈەنگو دۇكانغا كىرىپ، ئۇلاردىن تىجارەت ئەھۋالى، كىرىمىنى سورىدى. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلارغا: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پائال كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىپ، كەسىپ ئارقىلىق خاتىرجەم قىلىش، مۇقىم قىلىش، بېيىتىش كېرەك، دەپ تاپىلىدى. مەھەللە پائالىيەت ئۆيىدە، مەھەللە خور ئۆمىكى رېپىتىتسىيە قىلىۋاتاتتى، چېن چۈەنگو ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى. كۆپچىلىك چېن چۈەنگوغا «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي»دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بەردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: خۇددى ناخشىدا ئېيتىلغاندەك، بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما باشتىن- ئاخىر ئىناق بولۇپ، ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

      زورەم زارى ئاددىي ئائىلە ئايالى، ئۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە شىنجاڭدىن چىقىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ تىككۈچىلىك دۇكىنى ئاچقان، ھازىر ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. چېن چۈەنگو زورەم زارىنىڭ مېھمانخانا ئۆيىدە ئەر- خوتۇن ئىككىسى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي، قىزغىن پاراڭلاشتى، ئۇنىڭ كىيىمنى تېخىمۇ چىرايلىق تىكىشىنى، كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك ئۆتۈشىنى تىلىدى.

      چېن چۈەنگو دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ياڭخاڭ مەسچىتىگە بېرىپ، مەسچىتنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ شۇ مەسچىتنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپقا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە، مەخسۇس ياڭخاڭ مەسچىتىگە كېلىپ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يوقلىدى، بۇ ياڭخاڭ مەسچىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىش بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارغا بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇق. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، دىنىي ئەقىدە- دىنىي قائىدىلەرنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ شەرھلەپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھالال ئەمگىكى بىلەن بېيىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك خىزمەت ئىشلىشى، تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

      شىنجاڭ «جىنفېڭ» پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ياساش كارخانىسى. چېن چۈەنگو كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، كارخانىنىڭ پەن- تېخنىكا تەتقىقاتى، جابدۇقلىنىش سەۋىيەسى، ماركېتىڭ قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ كارخانا مەسئۇلىغا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ»، دەپ تەكىتلىگەنىدى. كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىشنى بازار رىقابىتىنىڭ ئاچقۇچى، كارخانىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئەڭگۈشتەر دەپ قاراپ، كەسىپنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ ھەم تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى مەھسۇلات ئەۋزەللىكىگە، ئۈنۈم ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

      چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، يەنە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىگە كېلىپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. چېن چۈەنگو بۇ قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ تارىخ سارىيىنى ئەستايىدىل ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ھەر بىر بۇيۇم، ھەر بىر سۈرەتنىڭ ئالدىدا توختاپ، قىسىمنىڭ تارىخى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردە غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپىرى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېما قىلىنغان كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ھەربىي رايونى قىزىل ئارمىيە شىسى شانلىق ئەنئەنىگە ئىگە، ئاجايىپ تۆھپە قوشقان قەھرىمان قىسىم ، قىزىل قان تومۇرغا ۋارىسلىق قىلىۋاتىدۇ. بىز پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئۇلۇغ تۆھپە ۋە نەتىجىلىرىنى مەڭگۈ ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئالىيجاناب خىسلىتىنى مەڭگۈ ئۆگىنىپ، پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىپ، پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى مەڭگۈ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. بارلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قىزىل ئارمىيە شىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلاپ، قىزىل بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى، ئارمىيە تارىخى ۋە ئېسىل ئەنئەنە تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قىزىل گېننى قان تومۇرغا ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىدىيەدە، سىياسىي جەھەتتە، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەڭگىۋارلىق ۋە ئەمەلىي جەڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قىسىملارنىڭ چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

      ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى رەھبەرلىرىدىن پېڭ يۇڭ، لى ۋېي، شيۇڭ شۈەنگو، لى شۆجۈن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ئايرىم- ئايرىم بىللە بولدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى