• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 12:15 23-09-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو 20 – سېنتەبىر قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ ئىناق – ئىتتىپاق، گۈللەنگەن – باي، مەدەنىي – تەرەققىي قىلغان، تىنچ – ئاسايىشلىق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق يېزىپ چىقىش كېرەك.

    ئالتۇن كۈزدە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى سالقىنلاپ، مېۋە – چىۋىلەر مەي باغلاپ پىشقانىدى. چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە يېزا، كەنتلەرگە بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

    چېن چۈەنگو قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسى كوچا بېشى كەنتىدە يېزا، كەنت كادىرلىرى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلىرى، ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى، جەمئىيەت ئامانلىقى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ۋە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: خەلق ئاممىسى بىزنىڭ كۈچ مەنبەيىمىز، پارتىيەمىزنىڭ يىلتىزى. بىز دۇچ كەلگەن مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىپىسى قانچىكى ئېغىر بولغانسېرى، خەلق بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى شۇنچە قويۇقلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىدىن ئۆگىنىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ دەردىگە يېتىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئەلنىڭ قەلبى ۋە كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا مۇجەسسەملەش كېرەك.

    ‹‹بوۋا ياخشىمۇسىز! بوۋا ياخشىمۇسىز!››، كوچا بېشى كەنتى يەسلىسىگە كىرگەندە، بالىلار خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا بىردەك ئاۋازدا چېن چۈەنگودىن چۇرقىرىشىپ ئەھۋال سورىدى. چېن چۈەنگو بالىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى مۇلايىملىق بىلەن سورىدى. ‹‹قانچە ياشقا كىردىڭىز؟››، ‹‹ئاتا – ئانىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟››، ‹‹يەسلىدە قانداق ئىشلارنى قىلىسىز؟›› دەپ سورىغاندا، بىلال ئابلىكىم ئىسىملىك بىر بالا تارتىنغان ھالدا تۆت بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، خەنزۇچە: ‹‹تۆت ياشقا كىردىم، ئاپام كەنت ئاھالە كومىتېتىدا ئىشلەيدۇ، دادام شەھەردە ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ››، دېدى. چېن چۈەنگو بىلالنى يېتىلەپ مېڭىپ، بالىلارنىڭ ياتىقىنى كۆزدىن كەچۈردى، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا: بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تاپىلىدى. كىچىك دوستلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە خەنزۇچە بالىلار ناخشىسى ئېيتىپ بەردى، چېن چۈەنگو خۇشال بولۇپ، بالىلارنى ئالقىشلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: يەسلى مەزگىلى بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىدىغان ئەڭ ياخشى باسقۇچى، قوش تىلنى جەزمەن مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋۋال، بالىلاردىن تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ‹‹بوۋا خەير – خوش، بوۋا خەير – خوش››. يەسلىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، كىچىك دوستلار چېن چۈەنگو بىلەن قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشتى.

    چېن چۈەنگو يەنە كەنتتە تۇرۇشلۇق خەلق ساقچىلىرى ۋە كەنت سەييارە مۇداپىئە خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، كەنت ساقچىخانىسىغا كىرىپ، كەنتنىڭ ئامانلىق ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خاتىرجەم، تىنچ، تەرتىپلىك، گۈللەنگەن، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىت خەلق كۆڭلىنىڭ تەلپۈنۈشى، كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى. زوراۋان – تېررورچىلارغا قەتئىي، كەسكىن زەربە بېرىش ھەر مىللەت خەلقنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىغانلىق ۋە ئۇلارنى چەكسىز سۆيگەنلىك. تۈرلۈك شەكىلدىكى ئامما مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئامما ئىدارە قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش پولات قورغىنى بەرپا قىلىپ، زوراۋان تېررورچىلارنى ‹‹يولدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇردا قاپتۇ›› دېگەن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش كېرەك.

    يىغىن زالىدا، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت›› بەنزىسىدىكى ئەزالار ۋە پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى، دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى قەرەللىك يىغىن ئېچىۋاتاتتى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇكېرىم ئوبۇل تونۇشتۇرۇپ: بۇلتۇر كوچا بېشى كەنتىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 8300 يۈەندىن ئېشىپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەر يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى سىياسەت بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن تەشەككۈر ئېيتتى، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيدى، دېدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، بولۇپمۇ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مەخسۇس قەشقەرگە كېلىپ قەشقەردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىدىن ھال سورىغانلىقى، باش شۇجىنىڭ قەشقەر خەلقىگە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدۇ. بىز باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، مېھىر – مۇھەببىتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

    چېن چۈەنگو يەنە قەشقەر ئاپپاق خوجا مەسچىتىنىڭ خاتىپى، 76 ياشلىق ئابلىمىت ئوسماننى يوقلىدى. ئاپپاق خوجا مەسچىتى ئىپارخان مەقبەرىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئابلىمىت ئوسماننىڭ بۇ يەردە خاتىپلىق قىلىۋاتقىنىغا 21 يىل بولغان. چېن چۈەنگو ئابلىمىت ئوسماننىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە مەسچىت باشقۇرۇش، دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش يولىدا ئىشلىگەن خىزمىتىگە تەشەككۈر ئېيتتى. چېن چۈەنگو بارلىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەلەرگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دىنىي ئەقىدىلەرنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

    ئارقىدىن، چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزىگە بېرىپ، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خىزمەتچى خادىملار بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم سىمنى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەر قوماندانلىق مەركىزىنىڭ كۆرۈنمە چاستوتىسىغا ئۇلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ 1 – سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كۈچلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، شى جىنپىڭ باش شۇجى بىزگە تاپشۇرغان شەرەپلىك بۇرچ. مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بالدۇر، بىخ ھالىتىدە، تېز، ياخشى تۇتۇپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئۇرۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى توققۇز تۈرلۈك تەدبىرنى چوڭقۇر، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تونۇش دەل جايىدا بولۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش دەل جايىدا بولۇش، تەدبىر دەل جايىدا بولۇش، مەسئۇلىيەت دەل جايىدا بولۇش، نازارەت قىلىش دەل جايىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن كۆپرەك بىپايان زېمىنىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، ياخشى مۇقىملاشتۇرۇپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

    مەنبەسى :تەڭرىتاغ تورى

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى