• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سىياسەتنى ھەر تەرەپلىمە يۈرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىب

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:55 22-09-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    19-سېنتەبىر، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يۆلەش – ئېچىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى غوجىلا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئايلىخان ھەسەننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنى يوقلىدى

    جاڭ لېي، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يۆلەش – ئېچىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ 18 – سېنتەبىردىن 21 – سېنتەبىرگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەركەزنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى يىغىنى ۋە يىنچۈەندە ئېچىلغان شەرقىي – غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىشنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، خىزمەت تەدبىرىدە يېڭىلىق يارىتىش، نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش بايلىقىنى يىغىنچاقلاش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش – ئېچىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى، 1 – سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

    شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەركەزلەشكەن رايون، چېگرا رايون، ئېگىزلىكتىكى چۆللۈك رايون، مەركەزلىك تۇتاشقان ئالاھىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار رايون بولۇپ، تەبىئىي شارائىتى ناچار، نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ. ۋاڭ ياڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئالتە كىچىك گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئايرىم – ئايرىم قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى، يوپۇغا ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسىگە بېرىپ، كەنتلەرنى ئارىلاپ ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئەمەلىي كۆزدىن كەچۈردى. ناھىيە، يېزا، كەنت كادىرلىرى، كەنتكە چۈشكەن كادىرلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا كەلگەن كادىرلار، دېھقان – چارۋىچىلار بىلەن بىرمۇ بىر يۈز تۇرا پاراڭلىشىپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.

    ۋاڭ ياڭ باشچىلىقىدىكى بىرىنچى تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى غوجىلا كەنتى ۋە ئاتۇش شەھىرى تۈگۈرمىتى يېزىسى مەيدان كەنتىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلدى. غوجىلا كەنتىدە ۋاڭ ياڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئايلىخان ھەسەننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تۇرمۇش ئەھۋالى، نامراتلىق سەۋەبى ۋە نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئەھۋالىنى ئەتراپلىق، تەپسىلىي ئىگىلىدى. 66 ياشقا كىرگەن ئايلىخان ھەسەننىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەنلىكى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىپ، كېسەل كۆرسىتىش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلغانلىقى، ئائىلە بېسىمىنىڭمۇ يېنىكلىگەنلىكى، تۇرمۇشىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ ياڭ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىرادە تىكلەپ، بىر قاتار سىياسەت – تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈشىگە ياردەم بەرمەكچى بولدى. ئىشىنىمىزكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىلا بولىدىكەن، كۆزلىگەن نىشانغا جەزمەن يېتىمىز.

    مەيدان كەنتى چېگراغا يېقىن بولۇپ، كەنتتىكى 1900 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئېغىر. ۋاڭ ياڭ چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە، كەنت ئاھالە كومىتېتىغا، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت گۇرۇپپىسى تۇرۇشلۇق جايغا، گىلەم ۋە كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا بېرىپ خىزمەتلەرنى ئەمەلىي كۆزدىن كەچۈردى. ۋاڭ ياڭ مەيدان كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملەش بىلەن ئۆز ئارا بىرلەشتۈرگەنلىكى، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، چېگرادىكى ئاھالىلەرنىڭ خاتىرجەم ماكانلىشىشى، چېگرانى ياخشى قوغدىشى، بېيىشقا ماھىر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: چېگرا رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش ئىشلىرى ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا جەزمەن يۈكسەك مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن چېگرادىكى ھەر مىللەت خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملەشنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ۋاڭ ياڭ 21 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن قەشقەردە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ۋاڭ ياڭ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئەھۋالى ئۇنىۋېرسال بولۇش، مۇرەككەپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە سىياسەت يۈرگۈزۈش، ھادىسىدىن ھەم ماھىيەتتىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نۇقتىلىق رايون ۋە ئاممىنى توغرا نىشانلاش، ئۆتكەلگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېتىز – ئېرىق، سۇچىلىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سۇ تېجەش تىپىدىكى يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، ئۆزگىچە دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق كەسپىنى زورايتىش، دېھقان – چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا ئاتلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى، كەسپىي مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش، تىل ۋە تېخنىكا – ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار نوپۇستىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈش، باھالاش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە كەسكىن، قېلىپلاشقان، ئاشكارا مېخانىزم بەرپا قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىش، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ‹‹ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش››تىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، مۇقىملىق ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى چەكلەپ كېلىۋاتقان ئۇزاققا سوزۇلغان مەسىلىلەرنى قەدەم – باسقۇچ بويىچە ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىش كېرەك.

    چېن چۈەنگو سۆھبەت يىغىندا مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلدى، مۇئاۋىن زۇڭلى ۋاڭ ياڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھرى – مۇھەببىتىنى ئېلىپ كەلدى. بىز جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، مۇئاۋىن زۇڭلى ۋاڭ ياڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپى بويىچە، تېخىمۇ چىڭ ئىرادە، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش – ئېچىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇشىمىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

    مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، نوپۇس – بايلىق – مۇھىت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ شۇاڭجەن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جياڭ زېلىن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ زۇسەي، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ، گوۋۇيۈەن يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى