• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۆت ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:40 19-07-2016
    تەھرىر : ئارزىگۈل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئۆت خالتا ياللۇغى تونۇش: ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئۆت خالتا شىللىق پەردىلىرىدە ياللۇغلىنىش بۇلۇپ، ئۇ كىلىنكىدا ئوڭ يۇقىرى قوساق ساھاسى ئاغىرىش، كۆڭۇل ئىلىشىش، قۇسۇش، قىززىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا ناھايتى كۆپ ئۇچرايدىغان كىسەللىك. بۇ كىسەللىك 20 ،50 ياش ئارلىقىدىكى كىشىلەردە، بولۇپمۇ ئاياللاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ. كىلىنكىلىق ئىپادىسىنىڭ تىز- ئاستىلىقىغا ئاساسەن، ئۆتكۇر ۋە سۇزۇلما خاراكتىرلىك، سۇزۇلما خاراكتىرلىك دەپ ئىككىگە بۇلنىدۇ.
    كىسەللىك سەۋەبى :
    1) ئۆت خالتا ئىغىزىنىڭ تۇسۇلۇپ قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ (%90-%70) ھەرخىل پارازىت قۇرۇتلار، تاش، قوشنا ئەزالاردىكى ئۇسمىنىڭ بىسشى سەۋەبىدىن ئۆت خالتا ئىچىدىكى ئوت سۇيۇقلىقى راۋان چىقالماي قۇيۇقلىقى ئېشىپ كېتىدۇ. سۇپىتى ئۆزگۇرىدۇ، بۇ ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىش نەتىجىسىدە ئۆت خالتىسىنىڭ ئىچىكى بىسىمىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆت خالتا، دىۋارى كىرىلىپ يەرلىك ئۇرۇندىكى قان تومۇر ۋە لىمفالارنى بىسىپ قان ئايلىنىشنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچۇرتۇپ نكروزلاندۇرىدۇ.
    2) يۇقۇملىنىش: كىزىك، قان زەھەرلىنىش، تولغاق قاتارلىق كىسەللىكلەر بىلەن ئاغىرىغاندا بۇنىڭ تەسىرى قان ئايلىنىش ۋە بىۋاستە يوللار ئارقىلىق ئۆت خالتىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆتكۇر ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.
    3) ئاشقازان ئاستى بىزى سۇيۇقلىقنىڭ تەتۇر يېنىشى: ئۆت باش كانىلى ۋە ئاشقازان ئاستى بىزى نەيچىسىنىڭ ئورتاق ئوتۇشمە يولى تۇسۇلغاندا ئاشقازان ئاستى بىزى سۇيۇقلىقى تەتۇر يېنىپ، ئوت خالتىسىغا كىرىدۇ. ئاشقازان ئاستى بىزى سۇيۇقلىقى ئوت سۇيۇقلۇقلىقىدىكى ئۆت تۇزى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرشىپ، خمىيەلىك رىئاكسىيەلىشىپ ئۆتكۇر خاراكتىرلىك ئۆت ياللۇغىنى شەكىللەندۇرۇىدۇ.
    4) ئۆتكۇر سەفرا خىلتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ: سەفرا خىلتىنىڭ مىقدار ۋە سۇپەت ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە مەزكۇر كىسەللىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
    5) يېمەك -ئىچمەك ئامىلى: زىيادە مايلىق تاماقلارنى ئوزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش، تاماق ۋاقتىغا رىئايە قىلماسلىق قاتارلىق سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
    6) ئۆت تىشىدىن پەيدا بۇلىدۇ:%70سۇزۇلما ئۆت ياللۇغى بىمارلىرىدا بىرگە كىلىدۇ. ئۆت تېشى ئۆت خالتا دىۋارىنى غىدىقلاپ ۋە زەخمىلەندۇرۇپ ئۆت سۇيۇقلۇقنىڭ چىقىرلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
    7) باشقا سەۋەبلەردىن كىلىپ چىقىدۇ: ئۆتكۇر ئۆت ياللۇغى كەڭ دائىرلىك كۆيۇك، چوڭ ئوپىراتسىيە، زەخملىنىش، قاناش، قىززتما، روھى كەيپىيات ياخشى بولماسلىق قاتارلىق سەۋەپلەردىن كىلىپ چىقىدۇ.
    كىلىنكىلىق ئىپادىسى:
    1. ئۆتكۇر ئۆت ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى ناھايىتى جىددى بولۇپ، كىسەللىك ئىغىر بولىدۇ.
    1) قورساق ئاغرىىش (%90). بۇ ئۆتكۇر ئۆت ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى بۇلۇپ، ئۇستۇنكى قورساق قىسمى قاتتىق ئاغرىيدۇ، بۇ ئاغرىق كۆپىنچە مايلىق تاماقلارنى يىگەندە قوزغىلدۇ. بەزىدە كىچىدە ئۆت يولى توسۇلۇپ قالغانلىقتىن، ئاغرىش داۋاملىشىش خاراكتىردە بۇلۇپ، ئۆڭ مۆرە، بىلەك قاتارلىق ئۇرۇنلارغا تارقايدۇ.
    2) كۆڭۇل ئىلىشىش قۇسۇش. ئاغرىقلاردا كۆڭۇل ئېلىشىپ قۇسۇش ناھايىتى ئىغىر بولىدۇ. قۇسقان قۇسىقى، ئۆت سۇيۇقلۇقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قوسقاندىن كىيىن ئاغرىق يەڭگىللەيدۇ ئەمما ئاغرىغان كىشىنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولمايدۇ.
    3) پۇتۇن بەدەنلىك ئالامەتلەر: كۆپ ساندىكى ئاغرىقلارد ا38 گىرادۇس ئەتراپىدا قىززىتما بۇلىدۇ. يىرىڭلىق ياللۇغ بولغاندا يۇقىرى قىزىتما، تىترەش، بىئاراملىق ھەتتا يۇقۇملىنىش خاراكتىرلىك شوك بولۇپ قېلىش ئالامەتلىرى يۇز بىرىدۇ، 10% ئاغرىقتا بۇ خىل ئالامەت سىرلىق بولىدۇ.
    بەدەن بەلگىسى: باسقاندا ۋە بىسپ قۇيۇپ بەرگەندە ئاغىرىق كۈچىيىدۇ. قوساق مۇسكۇلى قاتتىقلىشىدۇ. ئاغرىق ناھايتى بىئارام بۇلۇپ قاتتىق تەرلەيدۇ، تۇمۇرى تىز سالىدۇ، تىلىدا ساغۇچ گەز بۇلىدۇ. ئوڭ تەرەپكە تۇگۇلۇپ ياتسا ئارام بىرىدۇ.
    2. سۇزۇلما خاراكتىرلىك ئۆت ياللۇغى: سۇزۇلما خاراكتىرلىك ئۆت ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىدا تەكىرار قوزغۇلۇشچان خاراكتىردىكى ئۇستۇنكى قوساق ئاغىرىش يۈز بېرىپ، كۆپىنچە تاماقتىن كىيىن قۇزغايدۇ، ئاغىرىق تەخمىنەن 6- 1 سائەتكىچە داۋام قىلىپ، ئۆزلىگىدىن قويۇپ بىرىدۇ. ئاغرىقلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆڭۇل ئېلىشىپ قۇسۇش، ئاشقازان بىئارام بولۇش، ئاچچىقسۇ ياندۇرۇش، مايلىق تاماقتىن سەسكىنىش، ئىشتىھاسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
    ئەگەشمە كىسەللىكى: ئوت خالتىسى تىشىلىش: بۇ ئوتكۇر ئوت ياللۇغىنىڭ ناھايىتى ئىغىر ئاقىۋىتى بۇلۇپ، %10 ئاغرىق مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇلۇپ كىتىدۇ. ئۆت تىشى، ئوت يولى توسۇلۇش ئەگەشمە كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.
    ئوت يوللىرىدىكى توسالغۇنى ئىچىش ئوتنى راۋانلاشتۇرۇشتا دىنار شەربىتى، بۇزۇرى شەربىتى، ئىسكەنجىبىن بۇزۇرى، شەربىتە سەپەرجىل قاتارلىقلار بىرىلىدۇ.
    يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش: ئۈرۈم، ئالما، بىيە، ئۇرۇك غۇرىسى، ئانار سۇيى ھەربىرىدىن 100 مىللىمىتىر ئىلىپ، 250 گىرام سىركە ھەم 60 گىرام شىكەر قۇشۇپ ئىچكۇزىمىز. بىيە مۇرابباسىنڭ ئۇنۇمى ياخشى، ئەينالۇ مىرابباسى، ھۆل پىننە سۇيى 30 مىللمىتىر، قىزىل گۇل شۈيى 60 مىللى لىتىر، لىمون سۇيى 60 مىللى لىتىر ئاچچىق ئانار سۇيى 60 مىللى لىتىر ئارلاشتۇرۇپ شىكەر قۇشۇپ شەربەت قىلىپ ئىچسە بۇلىدۇ. گۇل بىنەفشە، بىج كاسىننە، بادىيان 10 گىرامدىن، گاۋزىبان بىخ كىرەفشە بەش گىرام ئەنجىر قېقى، بەش گىرام سۇمبۇل، شوخلا 5 گىرام ئۇرۇقسىز ئۇزۇم 10 گىرام 500 مىللى لىتىر شەربەت تەييارلاپ ئىچكۇزسە بۇلىدۇ .

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى