• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى زۇڭلىسى ئونېل بىلەن كۆرۈشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:25 08-07-2016
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئىيۇل دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى زۇڭلىسى ئونېل بىلەن كۆرۈشتى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئىيۇل تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئىيۇل دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى زۇڭلىسى ئونېل بىلەن كۆرۈشتى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىنىڭ مۇناسىۋىتى تارىخىي تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى تەرەپنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ئاۋۋالقىدەكلا ھۆرمەت قىلىدۇ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداپ، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى تېخىمۇ ياخشى توغرىلاپ، سودا، ئېنېرگىيە، بايلىق، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭىشىپ بېكىتىلگەن تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك، ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزائارا تولۇقلاپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ بېيىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يەرلىكلەر ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۆلكىلىرىنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەمدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئالاقىدار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئوبدان ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى چۈشىنىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇنبىرى، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەر مۇنبىرى قاتارلىك كۆپ خىل مېخانىزملاردىكى چۈشىنىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كىلىمات ئۆزگىرىشى، سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى تەرەپنىڭ 2018-يىلى ئۆتكۈزىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنى قوللايدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى